جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى 3-مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 3-مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا دائىر دۆلەت دەرىجىلىك خاتىرە ئەسلىھەلىرى، خارابىلىكلەر تىزىملىكى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان داڭلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار، قەھرىمانلار تىزىملىكى، شۇنداقلا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە ئەسلىھەلىرى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خارابىلىرى، يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش، قوغداش جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
تونۇشتۇرلىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئېلىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا دائىر تۆت تۈركۈمدىكى 294 جايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك خاتىرە ئەسلىھەسى، خارابىسى تىزىملىكى ۋە ياپون تاجاۋۇزىچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى 1128 داڭلىق ئىنقىلابىي قۇربان ۋە قەھرىماننىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى 14 يىللىق قەھرىمانە ئۇرۇش تارىخىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى، شۇنداقلا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۇلۇغ روھىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









