دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداشتىن يولنى گۈللەندۈرۈشكىچە: شىنجاڭ ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىنىڭ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش يېڭى جاۋابى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-23 13:55
جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىدا بۇ يىل چېگرادىن كىرگەن-چىققان 200 مىڭ يۈك ئاپتوموبىلى، 220 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈلۈپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش مىقدارىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى سادىقلىق بىلەن چېگرانى قوغداپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئارقىلىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي چېگرانى قوغدىغۇچىلار مۆجىزىسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىسى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان. نوپۇسى ئاران 2000 دىن ئاشىدىغان بۇ چېگرا يېزا-بازارغا 104 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچى يۈكلەنگەن. چېگرا سىزىقىغا «جۇڭگو» دېگەن خەت ئويۇلغان چېگرا تېشى «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدونىڭ 60 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، بوران چاپقۇنغا قارىماي چېگرانى قوغداش رىۋايىتىگە گۇۋاھچى بولماقتا ئىدى.
بۇرماقان مولدو مۇنداق دېدى: مەن بىر ئۆمۈر چېگرانى قوغداپ كەلدىم، «جۇڭگو» دېگەن خەتنى يېزىشنى ئۆگىنىۋالدىم، باشقىلار كۆرسە بۇ يەرنىڭ جۇڭگو زېمىنى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. پەقەت مۇشۇ چېگرا تېشىلا بولىدىكەن، ھېچكىم بىزنىڭ يېرىمىزگە تاجاۋۇز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، جىغىن يېزىسىدىكى كۆپلىگەن ياشلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېگرا قوغدىغۇچىلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق پامىر ئېگىزلىكىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك قەسىمىنى يازماقتا. چېگرا قوغدىغۇچى خېلىل ئابدۇسەمەت مۇنداق دېدى: مەن چېگرا قوغدىغۇچى بولغىلى 15 يىل بولدى، مەن چوڭ ئانامدىن ئۆگىنىپ، چوڭ ئانامنىڭ ئىزباسارى بولىمەن.
جىغىن يېزىسىنىڭ غەربىگە 70 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 200 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى نۇقتىلىق ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىمپورت-ئېكسپورت ماللىرى 1 مىليون 869 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.4 ئاشتى. 2025-يىلى 6-ئايدا، ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىدا يەتتە كۈندە 24 سائەت مال تىرانسپورت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى سىناق قىلىش يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ھەر ۋاقىتلىق مال تىرانسپورت قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىغا ئايلىنىپ، دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا سودا ئەشيا ئوبوروت يولى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى. ئەركەشتام تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ 4-دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: «ئەركەشتام تاموژنىسى جۇڭگو قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو قىرغىزىستان چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ قاتناش راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ. چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە، گۆش، ئاشلىق بىر گەۋدە قىلىنغان بەلگىلەنگەن ئىمپورت چېگرا ئېغىزى بەرپا قىلىمىز.
ئىلگىرىكى چېگرانى قوغداش چىغىر يولىدىن زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چېگرا ئېغىزىغىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى چېگرا ئېغىزى ئىقتىسادىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇن، تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن پىلانلاپ، ئەنئەنىۋى چېگرا رايونىدىن ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئۆتۈشتەك ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دىلشات تىلەش مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى تۇرغات، ئەركەشتام چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك 1-تۈردىكى ئىككى قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىدىن توشۇلىدىغان يۈك جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تەخمىنەن %90ىنى ئىگىلەيدۇ. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلارنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش بازىسى، تۇرمۇش خاراكتېرلىك ماددىي ئەشيا كاپالىتى بازىسى»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «چېگرا ئېغىزى ئىقتىسادى»، «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









