ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چۇڭچىڭ تەپتىشى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمەت ئەترىتى: قانۇنچىلىق ئارقىلىق كەلگۈسىنى قوغدىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-23 13:57
چۇڭچىڭ تەپتىشى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمەت ئەترىتى قۇرۇلغان 21 يىلدىن بۇيان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تەپتىش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن-ئاخىر يىلتىز تارتىپ، ئەدلىيە كۈچى ئارقىلىق بالىلار ئۈچۈن بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى يېقىندا ئەترەتتىكى يەتتە ۋەكىلگە «دەۋر نەمۇنىچىسى» دەپ نام بەردى.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، چۇڭچىڭ تەپتىشى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمەت ئەترىتىدىكى مېي مېي، گۇڭ شەن، لى فېيبەي قاتارلىق يەتتە ۋەكىل چۇڭچىڭ شەھىرى يۈبېي رايونى باشۇ باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ، جانلىق دېلو مىساللىرى ۋە تىياتىرلار ئارقىلىق بالىلارغا تورغا مەستانە بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى.
21  يىل ئىلگىرى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئاساسى بولغان «شا ھەدە» ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىش ئورنى چۇڭچىڭ شەھىرى دادۇكۇ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە تەسىس قىلىنغان. ئەترەت ۋەكىلى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇڭ شەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:  21 يىلدىن بۇيان، چۇڭچىڭ 3ـ دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئورنى بىردىن 45كە كېڭېيىپ، يەتتە ئادەمدىن 500گە كۆپىيىپ، جىنايەتكە چېتىشلىق نەچچە مىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىلدى.
گۇڭ شەن خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئىجاد قىلىنغان كۆپ تۈرلۈك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش مېخانىزىمىغا تۈرتكە بولدى. ئەترەت ۋەكىلى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 5ـ شۆبىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى تاڭ خۇەنرەن مۇنداق دېدى: بىز ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى، تەپتىش تەكلىپ-پىكرى ئارقىلىق، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 200 دىن ئارتۇق بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش بىخەتەرلىكىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، 10 مىڭدىن ئارتۇق تىجارەتچىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق.
چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 3-شۆبىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى لى فېيبەي قاتناش ھادىسىسى دېلوسىنى بېجىرگەندە، ئۈچ يېتىم ئاچا-سىڭىل بالىنىڭ مىليون يۈەن تۆلەم پۇلىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىگىلىۋېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. ئۇ تەپتىش ئەمەلدارى ۋە ھامىيسى ئورتاق باشقۇرىدىغان ھېسابات تەسىس قىلدى ھەمدە ئۇدا يەتتە يىل ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلدى.
لى فېيبەي مۇنداق دېدى: ھازىر چوڭ ئاچىسى ئۆي- ئوچاقلىق بولدى، ئانا بولدى، ئىككىنچى سىڭلىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشتى، ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىش قىزىقىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۈچىنچى سىڭلىسىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى.
21 يىلدىن بۇيان، بۇ ئەترەت جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە، 12 مەخسۇس مەكتەپ، 46 ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش پونكىتى ۋە 107 كۆزىتىش، قوغداش، ياردەم بېرىش بازىسى قۇردى.  ئەترەت ۋەكىلى، چۇڭچىڭ شەھىرى دادۇكۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش مېي مېي مۇنداق دېدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كۆرسەتكۈچىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئەمەلىي قوللىنىش شارائىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاخىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلامدا تەكشى، تېز، يېپىق ھالەتتە بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
 
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چۇڭچىڭ تەپتىشى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمەت ئەترىتى: قانۇنچىلىق ئارقىلىق كەلگۈسىنى قوغدىدى

چۇڭچىڭ تەپتىشى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمەت ئەترىتى: قانۇنچىلىق ئارقىلىق كەلگۈسىنى قوغدىدى