ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىز جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، تۈزەش ئەندىزىسىدە بۇرۇلۇش ياسىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-25 09:33

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى «14-بەش يىللىق»پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلاش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ:«14-بەش يىل»مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، دېدى.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا،« 14ـ بەش يىللىق» پىلاندىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالغان.
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، 2024-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى «13-بەش يىل»مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %28.4 تۆۋەنلىدى؛ ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى تۇنجى قېتىم بىر خانىلىق سانغا تۆۋەنلەپ، «13-بەش يىل»مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %43.8 تۆۋەنلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق تۆۋەنلىدى.
تەبىئىي ئاپەت جەھەتتە، ئاساسلىقى «ئۈچ جەھەتتىكى تۆۋەنلەش»گەۋدىلىك بولدى، يەنى 2021-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە ئوتتۇرىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم قېتىم سانى، ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەر سانى، ئاپەت سەۋەبىدىن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى «13-بەش يىل»مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %31.3،%23 ۋە %34.3 تۆۋەنلىدى.
«14ـ بەش يىل»مەزگىلىدە، دۆلەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى قۇرۇلۇپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن 24 سائەت ئۈن-سىن ئالاقىسىنى ساقلىدى. مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ-خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تۇنجى قېتىم تاماملىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەر جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئامبىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ كۆلىمى 220 مىڭغا يېقىنلىشىپ، دۆلەتنىڭ رايون خاراكتېرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن ئالتىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلدى. كان بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش، ئاگاھلاندۇرۇش تورى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆمۈر كانلاردا 1900 دىن ئارتۇق خىزمەت دائىرىسىدە ئەقلىيلەشتۈرۈپ قېزىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دۆلىتىمىز يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك يەر تەۋرەشتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، سېكۇنت دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن نۇقتىلىق خەتەرلىك رايونلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى قاپلىدى، مىنۇت دەرىجىلىك تەسىر دەرىجىسىنى تېز مەلۇم قىلىش خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تەدبىرىنى بەلگىلەشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلىتىمىز جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، تۈزەش ئەندىزىسىدە بۇرۇلۇش ياسىدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى «14-بەش يىللىق»پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلاش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش