ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گەنسۇ پۈتۈن دىڭشىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-28 11:01

9-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكىچە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لوڭشىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە لوڭشى، جاڭشيەن، ۋېييۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيەدە جەمئىي 27 مىڭ 272 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 11 ئادەم يېنىك يارىلاندى، 9288 ئېغىز ئۆي بۇزۇلدى. گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە 4-دەرىجىلىك جىددىي لايىھەنى يولغا قويدى ھەم ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. نۆۋەتتە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گەنسۇ پۈتۈن دىڭشىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى

9-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكىچە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لوڭشىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە لوڭشى، جاڭشيەن، ۋېييۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيەدە جەمئىي 27 مىڭ 272 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 11 ئادەم يېنىك يارىلاندى،