ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىدىن ھال سورىدى، ۋاڭ خۇنىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-28 11:06

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەر قايسى شۆبە ئۆمەكلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر تىلىكىنى ئېلىپ، 9-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى داۋاملىق يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ 1-شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-شىسى باشئەگىم شەھىرى ۋە 10-شىسى بېيتۈن شەھىرىدە خىزمەت تەكشۈروپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ۋە گۈزەل ليەندۈي قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى ۋە چېگرانى قوغداش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى، ئەتراپتىكى جايلارنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. بىڭتۈەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، بىڭتۈەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، بىڭتۈەننى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گەنجيې 2-شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ مورا بۇدخانا ئىزىغا كېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇددا دىنىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى، ئالىي مەكتەپ، كەسىپ بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى بىڭتۈەن ساۋخۇ تۈر رايونىغا بېرىپ مەكتەپ، كارخانىلاردا خىزمەت تەكشۈردى، كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، كارخانىلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر 3-شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ «جىنفېڭ» پەن-تېخنىكىسى دۆلەت شامال ئېلېكتىر يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە كېلىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، بىڭتۈەن 11-شىسى بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى، شىنجاڭ «تيەنرۈن»سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىدە كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزى، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى.
دۆلەت كومىسسارى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يىچىن 4-شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ قاراماي شەھىرى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى چارلاش-ئېچىش تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاراماي دوختۇرخانىسى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى قاراماي مەكتەپ رايونى، نەنيۈەن.نەنچۈەن مەھەللىسى، شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە مەركىزى ۋە بىڭتۇەن 7-شىسى خۇياڭخې شەھىرىدە خىزمەت تەكشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىگىلىدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دۇڭفېڭ 5-شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى؛ قورغاس شەھىرىگە بېرىپ، چېگرا ئېغىزىنىڭ ئاقىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى؛ بىڭتۈەن 4-شىسى كۆكدالا شەھىرىگە بېرىپ مۇقىملىقنى، چېگرانى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ قورغاستىكى ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىگە بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جېنلى 6-شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ بىڭتۈەن 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرى شىنجاڭ ئاققۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇق چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ جۈنكېن شىمالىي يولى مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ بىڭتۈەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە، شىنجاڭ بىڭتۈەن ئارمىيە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ ئاساسىي قاتلام ليەندۈيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئارمىيە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىدىن ھال سورىدى، ۋاڭ خۇنىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەر قايسى شۆبە ئۆمەكلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر تىلىكىنى ئېلىپ، 9-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى داۋاملىق يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.