ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە تۆت خاھىشنى قاتتىق تۈزىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-28 11:08

دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىلاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيە نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا «دۆلەت بايرىمى، جوڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، <تۆت خاھىش> نى قاتتىق تۈزىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك تەدبىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈگۈندە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە يول قويماي، ئۆگىنىش-تەربىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش»قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرنى قەتئىي توسۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»لار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، تەۋەلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بايرام مەزگىلىدە ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرنى چىڭ نىشانلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۆبىڭ، قىسقۇچپاقا بېلىتى قاتارلىق سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىش، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، ئىچكى ئاشخانا، خۇسۇسىي ئارامخانا قاتارلىق سورۇنلاردا بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ-ئىچىش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى، خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى جەھەتتە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۈچەپ تۈزىتىش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقانلىرىنى، تىپلارنى چىڭ تۇتۇپ، يوشۇرۇن ئۆزگىرىش ھادىسىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى تېز تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، ھەم رەھبەرلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا بوشاڭلىق قىلغان، «تۆت خاھىش»مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان رايون، ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پاكلىقنى قەدىرلەپ، چىرىكلىكنى رەت قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇپ، ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش قاتارلىق ئېسىل كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بايرام كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. 
 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە تۆت خاھىشنى قاتتىق تۈزىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى

دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىلاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيە نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا «دۆلەت بايرىمى، جوڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، <تۆت خاھىش> نى قاتتىق تۈزىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.