بايرام مەزگىلىدە يېڭى مەنزىرە نامايان بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-05 10:20
دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، كۆپ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت بازىرى داۋاملىق ئاۋاتلاشقان، جايلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئىستېمال ئېھتىياجى مەركەزلىك جانلانغان، قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىستېمال بازىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان.
مۇخبىرنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر 1 مىليارد 249 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشقان. دۆلەت ئىچى ساياھەت بازىرى داۋاملىق جانلانغان. جايلار مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالى بىلەن ئۆزگىچە مەنزىرىلەرنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ يېڭى قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتقان
شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىنىڭ لۇنەن كەنتىدە، تاغ، سۇ بايلىقىغا تايىنىپ بەرپا قىلىنغان پۇقراۋى قونالغۇ ۋە دالىدا قونۇش پائالىيىتىدە، ياتاق قىس بولۇپ كەتتى، لۇنەن كەنتىدىكى مەلۇم ئىستىراھەت رايونى كارخانا تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سۈن مەنمەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل باغچە رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ھەمدە بۇ يەردە قاتناش باشلىنىشغا ئەگىشىپ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل ساياھەتچىلەر سانى ۋە ئالدىن زاكاز قىلىش مىقدارى بىر ھەسسە ئاشتى.
كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشقان. پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپى مۇقىم ئاشقاندىن باشقا، يېشىل، ئەقلىي تاۋارلار ئىستېمالنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە يېشىل ئورگانىك يېمەكلىكلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.1 ئاشقان.
گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇدىكى بىر ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىجارىگە بېرىش دۇكىنىدا، دۇكان ئىگىسى ما مىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياشلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى، ھەر خىل تىپتىكى رەقەملىك فوتو ئاپپاراتلارنى، جۈملىدىن ناخشا كېچىلىكى كامېراسىنى ئىجارىگە ئېلىش ئىشلىرى بىر قەدەر ئاۋاتلاشتى، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئاساسەن ئىجارىگە بېرىلىپ بولىدۇ.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش باشلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجى ئاشتى، دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە چېگرادىن كىرىپ چىققان كۈندىلىك ساياھەتچى 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن.
جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرىنىڭ شېياڭدىكى گولف توپ مەيدانى ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ۋە كورېيەگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىگە تايىنىپ، كورېيەلىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. كورېيەلىك ساياھەتچى پياۋ شيەنيى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە خىزمىتىمىز ناھايىتى جاپالىق ئىدى، ھازىر دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىمىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىمىز بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئالالايدىغان بولدۇق. يول بويىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، سەپىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى، بىز ئۇنتۇلغۇسىز بەختلىك ئەسلىمىلەرنى قالدۇردۇق.
جايلاردىكى قاتناش تارماقلىرى سەپەرگە چىقىش بېسىمىغا قارىتا، مەنزىرە رايونلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق قۇۋۋەت ئاتا قىلىش ۋە خاسلاشقان مۇلازىمەت ئارقىلىق، ئاممىنىڭ بىخەتەر، راۋان سەپەرگە چىقىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن چارلاش سىستېمىسى يولۇچىلار ئېقىمىنى دەرقەمدە كۆزەتتى ھەمدە يىراقتىن تارقاقلاشتۇردى، مەنزىرە رايونى قوماندانلىق مەركىزى ئالماشتۇرۇپ توشۇش كۈچىنى جانلىق تەڭشەش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. خۇاڭشەن مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا ئىدارىسى جىددىي قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بى خەيبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىر ئارقىلىق نۇقتىلىق رايون ۋە ھالقىلىق نۇقتىلاردىكى يولۇچىلار ئېقىمىنى دەرقەمدە كۆزىتىپ، ئارىلاپ بىخەتەر، مەدەنىي ئەسكەرتمە بېرىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى دەل جايىدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
مەدەنىيەت ئىستېمالىنىڭ گۈللىنىشى ئوخشاشلا دەم ئېلىش كۈنى ئىقتىسادىغا ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ قوشتى. جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرىدىكى بىر كىنوخانىدا بېلەت ئېلىش ماشىنىسى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغان ياڭ جىخەن:« يازغۇچىنى قەستلەش 2» ناملىق فىلىم مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇ كىنو ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ، ھازىرقى زامان تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى بىلەن ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە قىلىنىپتۇ، دېدى.
سودا چەمبىرىكى كوچىسىدىكى ئەقلىي ئىستېمالدىن يېزا-كەنتلەردىكى دەم ئېلىشنىڭ ئۆزگىچە ئەھمىيىتىگىچە؛ چېگرا سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىدىن ئاقىل مۇلازىمەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكىچە بولغان بۇ بايرام مەزگىلىدە، مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرى جانلىنىپلا قالماي، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ نامايان بولدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









