مەنزىرە رايونلىرى دۆلەت بايرىمىدا يېڭى كىنولارنى قويۇپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-05 10:22
تور سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشكىچە، 2025-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق كىنو بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 174 مىليون يۈەنگە يەتكەن. دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، «كىنوغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش»دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمالنى ئۇرغۇتىدىغان يېڭى موتورغا ئايلاندى.
فۇجيەننىڭ چۈەنجۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن كىنو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. دۆلەت بايرىمىدا قويۇلغان «دولقۇنلۇق ھايات» ناملىق فىلىم چۈەنجۇدىكى شىشى، جىنجياڭدىكى ۋۇلىندىن ئىبارەت ئىككى سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسىنى ساياھەتچىلەرنىڭ «جەنۇبىي فۇجيەننىڭ مەنزىرىسىنى ئىزدەش»تىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندۇردى. شىشى شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شياۋيەن مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ دەسلەپكى ئىككى كۈنىدە، 10 چاقىرىملىق ئالتۇن دېڭىز قىرغىقى رايونى 129 مىڭ 700 ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى.
دۆلەت بايرىمىدا قويۇلغان كارتون فىلىم «ئۈچ بەگلىكتىكى يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ بىرىنچى قىسمى» دا گۇەندۇ ئۇرۇشى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. تارىختىكى گۇەندۇ ئۇرۇشى ھەقىقىي يۈز بەرگەن جاي بولغان خېنەننىڭ جۇڭمۇ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر بارىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. جۇڭمۇ يېڭى رايونى مەدەنىيەت، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ساياھەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۈەن شىلېي:ھازىر جۇڭمۇدا گۇەندۇ كۆۋرۈكى، ساۋگۇڭلېي قاتارلىق خارابىلىكلەر بار. نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، دېدى.
«پىدائىي ئارمىيە: قانلىق كۈرەش بەدىلىگە كەلگەن تىنچلىق»ناملىق فىلىمنىڭ قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مۇھىم سۈرەتكە ئېلىش ئورنى خېڭفېڭ كىنو - تېلېۋىزىيە بازىسى نۇرغۇن سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، بىر كۈنلۈك ساياھەت، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت نادىر لىنىيەسىنى لايىھەلىدى. ساياھەتچىلەر كىنو بېلىتى ياكى بازىنىڭ كىرىش بېلىتىگە ئاساسەن، ھەمكارلىق مېھمانسارىيى، يېمەك - ئىچمەك، پۇقراۋى قونالغۇدا ئېتىبار باھادىن بەھرىمەن بولالايدۇ. خېڭفېڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە-ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى يې جىيۇڭ: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە خېڭفېڭ كىنو-تېلېۋىزىيە بازىسىنىڭ كۈندىلىك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشتى، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









