جايلار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئارقىلىق سەپەرگە چىقىش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى
مەنبەسى: |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-05 10:23
قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە، تاشيوللاردا يۆتكەلگەنلەر 1 مىليارد 153 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشقان. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئۆلكە ئاتلاپ سەپەرگە چىقىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار مىقدارى سىجىل ئاشقان. مەركەزلىك سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا قارىتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىنىڭ توكلاش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشقان. جايلار كۆچمە توكلاش ئۈسكۈنىسىنى كۆپەيتىپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى ئازايتقان.
دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى توكلاش ئېھتىياجىغا قارىتا، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مۇددەتتىن بۇرۇن تەتقىق قىلىپ، توكلاش ئالاھىدە ئالدىراش دەپ مۆلچەرلەنگەن 136 مۇلازىمەت رايونىنى رەتلەپ چىقىپ، «بىر رايونغا بىر تەدبىر»ئارقىلىق توكلاش مۇلازىمىتى كاپالەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ھالقىلىق نۇقتىلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









