«ھالاكەت دېڭىزى» بوستانلىققا ئايلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-05 10:28
يېڭى دەۋردىكى «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قۇرۇلۇشىدىكى ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جەڭنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇاڭخې دەرياسى ئەگمىسى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە چېتىلىدىغان بۆلەك رايون ھەم شىمالدىكى قۇم-بوراننىڭ جەنۇبقا ھۇجۇم قىلىشىنى توسىدىغان ئالدىنقى رايون، ھەم خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى بەرپا قىلىشتىكى ھالقىلىق رايون. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بۇ رايوننىڭ %61 تىن كۆپرەكى كۆچمە قۇم بارخانلىرى بولۇپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %3 كىمۇ يەتمەيتتى. نەچچە ئەۋلاد قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە بەدەل تۆلىشى ئارقىسىدا، قۇبۇچ قۇملۇقىنىڭ تىزگىنلەنگەن كۆلىمى 6000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشتى.
ئەمدى دۆلەت بايرىمىلىق «ۋەتەنگە دوكلات» ناملىق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «ھالاكەت دېڭىزى» بوستانلىققا ئايلاندى دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.
ئوردوس شەھىرى دالات قوشۇنى ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال كاپالەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى كەي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۈتۈن قوشۇندا قۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 5 مىليون 230 مىڭ كىلوۋاتقا، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن قۇملۇق كۆلىمى 258 مىڭ 400 موغا يەتتى، 2030-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 19 مىليون كىلوۋاتقا، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەنگەن قۇملۇق كۆلىمى 550 مىڭ موغا يېتىدۇ. «يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەندى، قۇملۇق يېشىللاشتۇرۇلدى، كەسىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، دېھقانلار بېيىپ كىرىمى ئاشتى».
ئوردوس شەھىرى دالات قوشۇنى ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال كاپالەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى كەي يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنى كۆرسىتىپ مۇخبىرغا شۇ جاينىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ قۇبۇچ قۇملۇقىدىكى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىدىكى يادرولۇق رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى » قۇرۇلۇشى خۇاڭخې دەرياسى ئەگمىسى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى مۇھىم جەڭ مەيدانى.
لى كەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بازىدا 12 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى پىلانلىنىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىدىن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيغا توك يەتكۈزۈش يولى ئارقىلىق سىرتقا يەتكۈزۈلىدۇ. ھازىرغىچە، باشلامچى قۇرۇلۇشنىڭ 1-، 2-باسقۇچلۇق تۈرىنىڭ 2 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تورلاشتۇرۇلدى.
قۇرۇلۇشتا «تاختا ئۈستىدە توك تارقىتىش، تاختا ئاستىدا تېرىقچىلىق قىلىش، تاختا ئارىلىقىدا باقمىچىلىق قىلىش» تەك ئىستېرېئولۇق تەرەققىيات ئەندىزىسى قوللىنىلدى، مانا بۇ قۇبۇچ قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى. جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھىنىڭ قۇبۇچ قۇملۇقىدا ئالتە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى شوفاڭ، جويۆ، جىنفەن يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى جيا خەيچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تۈرىمىز ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياخشى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ. يادرولۇق تەپەككۇر ئېكولوگىيەنى تۈزەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئىستېرېئولۇق باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىشتىن قىلىنغان كىرىم قۇمنى تىزگىنلەش تەننەرخىنى قاپلاپ، ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ.
يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىدا قۇم بوراننى توسۇپ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، تاختا ئاستىغا قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىغاندا، تاختا ئارىسىغا يەنە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، « يورۇقلۇق ۋولت + ئېكولوگىيە + دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق» تىن ئىبارەت كۆپ مەنبەلىك يۇغۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھازىر قۇبۇچ قۇملۇقىدا مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت بازىسىدىن نەچچىسى قۇرۇلۇپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 5 مىليون 230 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، تىزگىنلەنگەن قۇملۇق كۆلىمى 250 مىڭ مودىن ئاشتى. 2025-يىلى قوشۇننىڭ يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 19 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، 550 مىڭ مو قۇملۇقنى ئۇنىۋېرسال تىزگىنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ھازىر قۇبۇچ ئەندىزىسى «ب د ت چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئەھدىنامىسى»غا كىرگۈزۈلدى ھەم شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا كېڭەيتىلدى. 10-نۆۋەتلىك قۇبۇچ خەلقئارا قۇملۇق مۇنبىرىدە، ب د ت ئەمەلدارى ئۇنى «شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ياخشى ئەندىزىلەرنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلىدى. قۇبۇچ ئەندىزىسى دۇنيانىڭ سوئالىغا: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن «جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى» ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









