ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئۇدا ئىككى ئاي 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-08 10:52
دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى 3 تىرىليون 338 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 16 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %0.50 بولغان.
دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 9-ئايدا ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى، پۇل سىياسىتى ۋە كۆزلىمىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىدە ئازراق تەۋرىنىش بولدى، دۇنيادا پۇل مۇئامىلە مۈلۈكىنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلىدى. پېرېۋوت نىسبىتىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ۋە مۈلۈك باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال رولى شۇ ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
شۇ كۈنى، مەركىزىي بانكا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالتۇن زاپىسى 74 مىليون 60 مىڭ ئۇنسىيە بولغان، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا 74 مىليون 20 مىڭ ئۇنسىيە بولۇپ، ئۇدا 11 ئاي ئاشقان.
تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قالدۇقىنىڭ 2015-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يېڭىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە زەربىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنىڭ داۋاملىق ئۆسكەنلىكىنى،  ھەمدە ئالتۇن زاپىسىنىڭ ماس قەدەمدە ئېشىشى بۇ خىل خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى نامايان قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تاشقى مۇھىتتا داۋالغۇش زورىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، مۇۋاپىق، يېتەرلىك تاشقى پرۋوت زاپاس كۆلىمى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە تۇرۇشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ خېشىن مۇنداق دېدى:  بىز تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، تىجارەت باشقۇرۇشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكى، يۆتكىلىشى ۋە قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلەت ئىقتىسادى، پۇل مۇئامىلىسىدە مۇھىم «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق ۋە «ئىغرىتقۇ» لۇق رول ئوينىدى.
 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئۇدا ئىككى ئاي 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن ئاشتى

دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى 3 تىرىليون 338 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 16 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %0.50 بولغان.