قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-09 10:42
پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تەمىنلىگەن خېيىم-خەتەر كاپالىتى جەمئىي 4 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.59 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاشلىق زىرائەتلىرى سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت سوممىسى 1 تىرىليون 170 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.18 ئاشقان. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە شال، بۇغداي، كۆممىقوناقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئاشلىق تەننەرخ ۋە تېرىقچىلىق كىرىمى سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلاندى، يەرلىكنىڭ ئەۋزەل، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى سۇغۇرتىسى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە مەھسۇلات، بېلىقچىلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى.
مەملىكەت بويىچە تۇنجى چوڭ سىغىملىق ناترىي ئىيونلۇق باتارېيە ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولغان گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرىگە جايلاشقان فۇلىن ناترىي ئىيونلۇق باتارېيە ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2-باسقۇچلۇق سىغىمىنى كېڭەيتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. سىغىم كېڭەيتىلگەندىن كېيىنكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھەر يىلى يېڭىدىن تەخمىنەن 30 مىليون كىلوۋات سائەت توكنى سىغدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلالايدۇ، بۇ، 9000 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر سەرپىياتىنى ئازايتقانغا، 13 مىڭ 500 توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولۇپ، تەخمىنەن 20 مىڭ ئائىلىنىڭ بىر يىللىق توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
چۇڭچىڭدىن كۇنمىڭغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ سىچۈەن-يۈننەن بۆلىكىگە لىم ئورنىتىش ۋەزىپىسى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. چۇڭچىڭ-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇ چاغدا، چۇڭچىڭدىن كۇنمىڭغا بارىدىغان ئەڭ تېز قاتناش ۋاقتى ھازىرقى تەخمىنەن بەش سائەتتىن ئىككى يېرىم سائەت ئىچىگە قىسقىرايدۇ.
1293-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىق تاۋارلارنى لىق قاچىلاپ، يېقىندا ئېرلانخوت تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن چىقتى، بۇ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بۇ يىل جەمئىي يۈرۈش مىقدارىنىڭ 3000 دىن ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېرلانخوت تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئوتتۇرا يولىدىكى ھالقىلىق تۈگۈن، ھازىر تىجارەت لىنىيەسى 74 كە يەتتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









