ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى بولغان زىۋۇ قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-09 10:50
دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى بولغان بوشلۇق مۇھىت ئۇلىنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تورى، يەنى زىۋۇ قۇرۇلۇشىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى بۇ يىل 3-ئايدا دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتۈپ، رەسمىي تىجارەت باسقۇچىغا كىردى. تىجارەت باشلىغان بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، كۆپ تۈردە ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمدى «ۋەتەنگە دوكلات» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزنىڭ «دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى زۇۋۇ قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى: بوشلۇق ھاۋا رايىنىڭ سىرىنى يېشىش» دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بېيجىڭ خۇەيرۇ زىۋۇ قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر ۋە ھەرىكەتنى تىزگىنلەش مەركىزىدىكى غايەت زور ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندىكى رەقەملەر توختىماي چىقىپ تۇراتتى، ئۇ 10 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن يېڭى سانلىق مەلۇمات. بۇ سانلىق مەلۇماتلار زىۋۇ قۇرۇلۇشىدىكى 96 پونكىت، 282 كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىدىن كەلگەن.
80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئالىم جاڭ جياۋجياۋ دەممۇ ئالماي ئىشلەۋاتاتتى، زىۋۇ قۇرۇلۇشىنىڭ 2-باسقۇچلۇق شىمالىي ئوتتۇرا كەڭلىك يۇقىرى چاستوتىلىق رادار تورىنىڭ باش ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ جياۋجياۋ يېتەكچىلىكىدىكى ئۆمەك ھازىر ئوتتۇرا ئۆلچەملىك ئىئونوسفېرانىڭ يۈرۈش شەكلىدىكى تەۋرىنىشى ۋە ئىككىلەمچى قۇتۇپ نۇرى رايونى ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
جاڭ جياۋجياۋ: بىز بۇ خىل نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق دەۋرىيلىك زىچلىق قۇرۇلمىسى ئىچىدە، يەنە نۇرغۇن تېخىمۇ كىچىك ئۆلچەمدىكى 10 مېتىر دەرىجىلىك تەرتىپسىز جىسىملارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، دېدى.
جاڭ جياۋجياۋ نېمىشقا ئىئونوسفېرانىڭ تەرتىپسىز قۇرۇلمىسى تەتقىق قىلىنىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: بۇ سىمسىز تېلېگراف خەۋەرلىشىش، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق سىستېمىلارغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى.
جاڭ جياۋجياۋ مۇنداق دېدى: ئىئونوسفېرادىكى بۇ خىل تەرتىپسىز قۇرۇلما بېيدوۋ يول باشلاش ئورۇن بەلگىلەشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز تەتقىقات ئارقىلىق بوشلۇق ھاۋارايىنى مۆلچەرلەپ، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ياكى خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى بوشلۇق ھاۋا رايىنىڭ ناچار تەسىرىگە ئۇچراشتىن تېخىمۇ ياخشى ساقلاندۇق.
بوشلۇق ھاۋا رايى يەر شارى خاراكتېرلىك ۋەقە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ يىل 6-ئايدا ئىلىم-پەن ساھەسى ئالدى بىلەن خەلقئارا مېرىدىيان چەمبىرىكى چوڭ ئىلىم-پەن پىلانىنى يولغا قويدى. بۇ پىلاندا قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ مۇكەممەل بولغان شەرقىي مېرىدىيان °120، غەربىي مېرىدىيان °60 لۇق مېرىدىيان چەمبىرىكىنىڭ ئاساسلىق كۆزىتىش زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يەر شارى بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ پەن، كۆپ ئامىللىق تەكشۈرۈش تورىنى كېڭەيتىپ شەكىللەندۈرۈپ، قۇياش-يەر بوشلۇقى مۇھىتىنىڭ پۈتۈن كەڭلىك گىرادۇسى، ھاۋا رايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان، كۈن پاتمايدىغان ئىستېرېئولۇق كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
زىۋۇ قۇرۇلۇشى بولسا بۇ پىلاندىكى مۇھىم كۆزىتىش تورى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت بوشلۇق ئىلىمى مەركىزى زىۋۇ قۇرۇلۇشىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇش باش ئىنژېنېرى شۈ جىياۋ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: نۆۋەتتە خەلقئارا مېرىدىيان چەمبىرىكى چوڭ ئىلىم-پەن پىلانى لايىھەنى دەلىللەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېقىندا دەلىللەش تاماملىنىشى مۇمكىن. ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە كۆزىتىلەتتى، ھازىر غەربىي يېرىم شاردا كۆزەتكىلى ۋە ئۇنى تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇدا كۆزىتىشكە بولىدۇ. شەرقىي يېرىم شار ۋە غەربىي يېرىم شارنىڭ يېپىق ھالقىلىق كۆزىتىش چەمبىرىكى كېچە-كۈندۈزلۈك ئۈچ ئۆلچەملىك CT تەسۋىرىنى شەكىللەندۈردى.


تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى بولغان زىۋۇ قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى بولغان زىۋۇ قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى