بايرام مەزگىلىدە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر 2 مىليارد 400 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-09 10:56
2025-يىللىق دۆلەت بايرىمى، جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاياغلاشتى، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر 2 مىليارد 400 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ يولى، ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ، جۇڭگونىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر 2 مىليارد 432 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 304 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىشى مۇمكىن. تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىشتىن ئىبارەت سانلىق مەلۇماتلار ئاساسلىقى ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق تىرانسپورت تورىنىڭ كۈچلۈك تىرىكىدىن بولدى.
بۇ يىل دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تۆمۈر يوللاردا توشۇلغان يولۇچى ئۇدا تۆت كۈن 18 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. دەم ئېلىشتىن ئىلگىرىلا قاتناش باشلانغان شېنياڭ - چاڭبەيشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، شياڭياڭ-جىڭمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى شەرقىي شىمال، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونلىرىدا نۇرغۇن ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن لىنىيە بويىدىكى ساياھەتچىلىكتە شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. جىلىننىڭ بەيشەندىكى مەلۇم ساياھەت ئارامگاھىنىڭ خىزمەتچىسى شيا يۈلىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كېلەتتى، ئاساسلىقى شەرقىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگودىن كېلىدىغانلار كۆپ ئىدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭ، شېنياڭ، دالىيەندىن نۇرغۇن مېھمانلار كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، G331 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە كېلىدىغانلارمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى مەنزىرە رايونىنىڭ «بىر پەسىل ئاۋات بولۇشى»دىن «تۆت پەسىل ئاۋات بولۇش» قا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
«14-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىز «ئالتە ئوق، يەتتە كارىدور، سەككىز يول»دىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئاساسىي رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تورلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى %80 تىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى تۇتاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى %90 تىن ئارتۇق ئىقتىساد ۋە نوپۇس ئومۇمىي مىقدارىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ خالىغان چاغدا سەپەرگە چىقىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تاشيولدا سەپەر قىلىشنى تاللىغانلار 2 مىليارد 240 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىش نىسبىتى %80 كە يېتىپ ، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ سەپەرگە چىقىش ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئېشىپ، بايراملىق ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. گۇاڭدۇڭنىڭ شۈندېدا نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ماشىنا ھەيدەپ ئەنئەنىۋى كەنتلەرگە بېرىپ، ئەجدىھا قولۋاق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە توشۇلغان يولۇچى 19 مىليون 170 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كۈندىلىك خەلقئارا يولۇچى توشۇش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئېشىشى مۇمكىن. يېڭىدىن ئېچىلغان ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن نۇرغۇن خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ قوش يۆنىلىشلىك سەپىرى باشلاندى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زامانىۋى قاتناش تورىدا جۇشقۇن، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو نامايان بولدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









