ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمال بازىرى جانلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-09 10:59
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۆلەت بايرىمى، جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە،  مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئاشقان. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، سودا مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق كۆزەتكەن 78 پىيادىلەر كوچىسى سودا چەمبىرىكىدىكى خېرىدارلار ئېقىمى، تىجارەت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %8.8 ۋە %6.0 ئاشقان.
سودا مىنىستىرلىقى كۆزەتكەن ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بايرام مەزگىلىدە يېشىل ئورگانىك يېمەكلىكلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.9 ئاشقان، ئەقلىي ئۆي جاھازىلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.3 ئاشقان، جۇڭگو مودا كىيىم-كېچەكلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %14.1 ئاشقان. سودىگەرلەر  ماي، قەنت تەركىبى تۆۋەن يۆبىڭنى بازارغا سېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى گوڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپى ياخشى بولۇپ، جىنايى ئىشلار، ئامانلىق ۋەقەلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %16.9 ۋە %6.5 تۆۋەنلىگەن، چوڭ تىپتىكى 2700 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق بولغان، يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەرتىپى رەتلىك بولغان. 



تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمال بازىرى جانلاندى

بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمال بازىرى جانلاندى