ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2025-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق كىنو ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-09 11:01
تور سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2025-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق كىنو ئومۇمىي بېلەت كىرىمى بىر مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشقان. بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جايلار كىنو باش تېمىسىدىكى نۇرغۇن ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، «كىنو + » ئەمەلىي مەنزىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتقان، جۇڭگو كىنوچىلىقىنى بېلەت كىرىمى ئىقتىسادىدىن كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ئېكولوگىيەسىگە قاراپ ئىلگىرى سۈرگەن.
ئالتۇن كۈز پەسلى 10-ئايدىكى خۇاڭشەن ئاسمىنىدا بۇلۇت دېڭىزى مەۋج ئۇردى، چوقچىيىپ تۇرغان تاغ چوقىلىرى بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغايلار بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك ئىدى. «ئاۋاتار» ناملىق كىنونىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان خۇاڭشەننىڭ ئاجايىپ-غارايىپ تاغ- دەريالىرى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر كىنو مەنزىرىسىنى ئىزدەش ئارزۇسى بىلەن كەلدى. جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىغا كۈنىگە 30 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى كەلدى.
خۇاڭشەن تېغى «كىنو ئېلىنغان مەنزىرە رايونى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان بولسا، ئەنخۇينىڭ مائەنشەن شەھىرى بىر كىنو ۋە بىر شائىرنىڭ باغلىنىشى بىلەن مەدەنىيەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىدىغان جايغا ئايلاندى. «چاڭئەندىكى 30 مىڭ چاقىرىم »ناملىق كارتون فىلىمدىكى «قولۋاق تاغلاردىن ئېشىپ كەتتى»دېگەن ھەيۋەتلىك مەنزىرە، لى بەينىڭ «قەدەھ كۆتۈرۈپ تولۇن ئاينى تەكلىپ قىلىش» تەك رومانتىك ئوبرازى سانسىزلىغان تاماشىبىنلارنى شېئىر پېشۋاسىنىڭ ھايات يولىغا قىزىقتۇردى. لى بەي مائەنشەندە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇرغان جاي، سەيشىجى «ئاي چۈشۈپ كەتكەن» دەپ رىۋايەت قىلىنغان جاي. شۇ جاي كىنو ـ تېلېۋىزىيە ئېپى ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەت-ساياھەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «كىنو ـ تېلېۋىزىيە + ساياھەت» كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، «كىنو-تېلېۋىزىيەگە ئەگىشىپ مائەنشەننى ساياھەت قىلىش» باش تېما پائالىيىتىنى يولغا قويدى. پائالىيەتتە «لى بەينىڭ مەدەنىيەت ئىزناسى لىنىيەسى» لايىھەلىنىپلا قالماي، سەيشىجى، تەيبەي راۋىقى، لى بەي قەبرىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ، يەنە يول بويىغا كىنو مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئورنى، شېئىر ئويۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرگە تاغ-دەريالاردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، كىنو-تېلېۋىزىيە بىلەن مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان ئۆزگىچە سېھرىي كۈچنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. مائەنشەن شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى بازار ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تاۋ لىڭ مۇنداق دېدى:«چاڭئەندىكى 30 مىڭ چاقىرىم»ناملىق فىلىمنى كۆرۈش قىزغىنلىقى قىزىپ كەتكەندىن كېيىن، بىز مەخسۇس «شېئىر پىشىۋاسىغا ئەگىشىپ شېئىر شەھەرچىسىنى ساياھەت قىلىش»ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويدۇق. لى بەينىڭ مائەنشەندىكى ئىزنالىرى ناھايىتى كۆپ، سەيشىجى، خېڭشەن، لى بەي مەدەنىيەت باغچىسى ۋە دەنياڭخۇ كۆلى بار، بىز مۇشۇ نۇقتىلارغا ئاساسەن ئېسىل لىنىيەلەرنى ئاچتۇق.
ھازىر ئەنخۇينىڭ ھەر قايسى جايلىرى كىنو سۈرەتكە ئېلىنغان جاي، ۋە ھېكايە يۈز بەرگەن جاي قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق بايلىقنى رەتلەپ چىقتى ھەمدە كىنونى قىزىل مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مەنزىرە رايونى ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مەيدان ياخشى كىنو قويدى.


تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2025-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق كىنو ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2025-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق كىنو ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى