ھېسابلاش كۈچى كۆلىمى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى
«14-بەش يىل»دىن بۇيان، جۇڭگو يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە چوڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويدى، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالنى تۇتاشتۇردى، ھېسابلاش كۈچى ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى، بۇ جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېڭى ئۇل سېلىپلا قالماي، يەنە ئېشىشنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ياراتتى.
چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە«ئاقىل ھېسابلاش بوستانلىقى»ئۆسۈپ يېتىلدى، AI مەشىق سانلىق مەلۇماتى چىنلىڭ تېغى بىلەن خۇاڭخېدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ بارلىق ئەقلىي ھېسابلاش كۈچى بىر سېكۇنتتا تاماملايدىغان ھېسابلاش مىقدارىنى، دۇنيادىكى 8 مىليارد ئادەم ئادەتتىكى ھېسابلىغۇچ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھېسابلىسا، 4000 يىلدا ئاندىن تاماملىيالايدۇ. «14-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ھېسابلاش كۈچى كۆلىمىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %30 كە يەتتى، بۇنىڭ %70تىن كۆپرەكى غەربىي رايوندا بارلىققا كەلدى.
«14-بەش يىل»لىق پىلان پىروگراممىسىدا «رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش»تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇش» تۇنجى قېتىم «بەش يىللىق پىلان»غا كىرگۈزۈلدى ھەم ئايرىم تۈزۈلدى.
سەككىز دۆلەت ھېسابلاش كۈچى تۈگۈنى، 10 دۆلەت سانلىق مەلۇمات مەركىزى توپى، 100 دىن ئارتۇق يېڭىدىن قۇرۇلغان غول لىنىيە ئوپتىكىلىق كابېلى بولغان «تۇتاش ھېسابلاش تورى»، «شەرقتە سانلىق مەلۇمات، غەربتە ھېسابلاش» دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇشى پۈتتى. مەملىكەت بويىچە %60 تىن ئارتۇق شەھەر 5 مىللىسېكۇنت ئىچىدە ھېسابلاش كۈچى توپىغا كىرەلەيدۇ.
بۇ ھېسابلاش كۈچىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى ئاددىي ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئامىلىنىڭ بىر قېتىملىق قايتا تەشكىللىنىشى.
گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چىڭياڭدا، «شەرقتە سانلىق مەلۇمات ، غەربتە ھېسابلاش» تۈگۈنى، ئۆتكەن بەش يىلدا،«شەرقتە سانلىق مەلۇمات ، غەربتە ھېسابلاش»كەسىپ باغچىسىدا، ئادەم ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يان تېلېفون خەت ـ چەكلىرى يىلدىن ـ يىلغا كۆپەيدى. گۈللەنمە كارخانىدىن 452 سى ماكانلاشتى، شۇ جايدىكى رەقەملىك ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئاساسەن يوقلۇقتىن 10 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
«14-بەش يىل»مەزگىلىدە، 30 نەچچە «ھېسابلاش كۈچى يېڭى شەھەرچىسى» خۇددى مارجاندەك قەد كۆتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقىل دەۋرىنىڭ ئاچقۇچلۇق تىرىكىگە ئايلاندى. گۇيجۇنىڭ ھېسابلاش كۈچى بېيجىڭنىڭ كارتون فىلىملىرىدە ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. چىڭخەينىڭ ھېسابلاش كۈچى جياڭسۇنىڭ ئەقلىي ھەيدەش چوڭ مودېلىنى جىددىي مەشىق قىلدۇرماقتا.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ تور ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، ھېسابلاش كۈچى كۆلىمى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، دۇنيا بويىچە سانلىق مەلۇماتنى ئەمەلىي قوللىنىش مەنزىرىسى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









