قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
*جۇڭگو ئېنتىرنىت ئۇچۇر مەركىزى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى «ھاسىل بولۇش شەكلىدىكى سۈنئىي ئەقىلنى قوللىنىش تەرەققىياتىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل 6ـ ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھاسىل بولۇش شەكلىدىكى سۈنئىي ئەقىل ئابونتلىرى 515 مىليونغا، سۈنئىي ئەقىل پاتېنت ئىلتىماسى 1 مىليون 576 مىڭغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئىلتىماس مىقدارىنىڭ %38.58 ئىنى ئىگىلەپ، دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
*يېقىندا، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىشىپ «مېھمانخانا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلپ، مەدەنىيەت ئاساسىي تېما قىلىنغان مېھمانساراي قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىش، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، بالىلارغا ۋاكالىتەن قاراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق 17 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مېھمانخانا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
*138-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 4-كۈنىگە قەدەم قويدى، AI تېخنىكىسى ئارقىلىق قۇۋۋەت قوشۇلغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى نۇرغۇن سودىگەرلەرنى ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭىشىشكە جەلپ قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە يەنە 8 دۆلەت ۋە رايوندىكى 104 لايىھىلەش ئاپاراتى جەلىپ قىلىنىپ، AI ئەقلىي لايىھىلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىپ، كارخانىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇلدى. #
*ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى تېيەنجىندە باشلىنىپ، 4000 غا يېقىن سودىگەرنى جەلىپ قىلدى، يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلات 25 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يېزا ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە يەنە چوڭ ئاشلىق قارىشى كۆرگەزمە رايونى، يېزا ئىگىلىك ئالدىنقى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونى يېڭىدىن تەسىس قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئالماشتۇرۇش ، ھەمكارلىق ۋە سودا سۆھبىتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









