جايلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كۈزلۈك ئاشلىقنى تېز يىغىپ، تېز قۇرۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى
ھازىر كۈزلۈك ئاشلىقنى يىغىۋېلىش ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، جايلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كۈزلۈك ئاشلىقنى تېز يىغىپ، تېز قۇرۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.
شەرقىي شىمال رايونىدا كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ كۈزلۈك ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 93 مىليون مودىن ئاشتى، ھازىر يېرىمدىن كۆپىرەكى يىغىۋېلىندى. نۆۋەتتە يۈشۇدا كۆممىقۇناقنى يىغىۋېلىش ئالدىراش مەزگىلگە كىردى، بۇ يىل شۇ جاي شاخ-شۇمبىلارنى ئېتىزدا ئاغدۇرۇش مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆممىقوناقنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى 150 جىڭغا يەتكۈزدى. لياۋنىڭنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى 40 مىليون مودىن ئاشتى، بۇ يىل ئۆلكە بويىچە زىچ تېرىشقا چىداملىق، يېتىۋالمايدىغان ئەلا سۈپەتلىك دادۇر يېڭى سورتى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ھەر مو يەرگە تېرىلغان دادۇر سانى ئىلگىرىكى 8000 تۈپتىن 11 مىڭ تۈپكە كۆپەيدى. خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق دادۇر ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون، خېيخې شەھىرىدە 20 مىليون مو يەردىكى دادۇرنى يىغىۋېلىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. بۇ يىل خېيخې شەھىرى سۈپەتلىك ئۇرۇق، ياخشى ئۇسۇلنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دادۇرنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتىنى بۇلتۇرقىدىن %3 ئاشۇردى.
ئۇدا ياغقان يامغۇر شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې، خۇەيخې قاتارلىق جايلارنىڭ كۈزلۈك يىغىمىغا تەسىر كۆرسەتتى، جايلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تېز يىغىش، تېز قۇرۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. سەنشى ئۆلكىسى %50 كە يېقىن كۈزلۈك ئاشلىقنى يىغىۋالدى، تەييۈەننىڭ چىڭشۈ ناھىيەسىدە، شۇ جاي 300 دىن ئارتۇق سۇ پومپىسىنى ئىشقا سېلىپ، داۋاملىق سۇ چىقاردى، سۇ چىنىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جىددىي يىغىۋېلىش جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى جەمئىي 135 مىڭ 500 كومبايىن سەپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە زەنجىر تاپانلىق كومبايىندىن 10 مىڭدىن كۆپىرەكى ئىشقا سېلىنىپ، 35 مىليون 700 مىڭ مو يەردىكى كۆممىقوناق يىغىۋېلىندى. خېبېي ئۆلكىسى ھاۋا ئوچۇق بولغان كۆزنەك مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، كۈزلۈك ئاشلىقنى تېز يىغىپ ئاپتاپقا سالدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى 35 مىڭ مۇقىم قاقلاپ قۇرۇتۇش ماشىنىسى، 258 كۆچمە قاقلاپ قۇرۇتۇش ماشىنىسىنى ئاشلىق قۇرۇتۇشقا ئىشلەتتى. ئەنخۇي كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ %70 تىن كۆپىرەكىنى يىغىۋالدى، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى 753 يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەشغۇلات ئەترىتى ۋە 2114 قۇرۇتۇش نۇقتىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشىغا قولايلىق ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن ئۆلكىدىكى 210 مىڭ كومبايىننىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 20 مىڭ يۈرۈش قۇرۇتۇش ئەسلىھەسى 24 سائەت ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئاشلىق قۇرۇتۇلۇپ، كۈزلۈك يىغىمغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









