ئۆزگىچە كۈزلۈك ساياھەت بازىرى داۋاملىق جانلاندى
ئالتۇن كۈز پەسلىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلاندى، ساياھەت بازىرى داۋاملىق جانلاندى.
جايلار كۈز پەسلىنى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى. ھازىر يۈننەننىڭ شانگرىلا پۇداسو دۆلەت باغچىسىدا ئاق قېيىن دەرىخى، ئېگىز تاغ چىملىقى قاتارلىقلار قارامتۇل يېشىل شەمشاد، كۆپكۆك كۆل سۈيى بىلەن بىر-بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، كۈز مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلدى. نىڭشيانىڭ شىزۈيشەن تېغىدا، ئەگرى-بۈگرى قىزىل يوپۇرماقلىق تاشيول نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ يەر ئىلگىرى چۆل-باياۋان، قاقاس تاغ ئىدى، سىجىل ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھازىر بۇ يەر دۆلەت دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى. جياڭسۇنىڭ نەنجىڭ كۈز پەسلىگە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا، رەڭگارەڭ دەرەخ يوپۇرماقلىرى بىلەن قەدىمىي يادىكارلىقلار بىر-بىرىنى چاقنىتىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. فۇجيەننىڭ نەنجىڭ مەنزىرە رايونى كۈز پەسلىدىكى ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش + سەھرا ئىستېمالى» ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، ساياھەتچىلەر ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ئىشلىرى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مول-ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلدى.
بايرامدىن كېيىن قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن باشقا ۋاقىتتا سەپەرگە چىقىشمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاللىشى. شەنشى شىئەندىكى چىنلىڭ تەيپىڭ دۆلەت ئورمان باغچىسىدا، باغچا ئىچىدىكى ئۆزگىچە «قىزىل يۇپۇرماق ۋە شارقىراتما» مەنزىرىسى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، باغچىنىڭ بېلەت زاكىزى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34 ئاشتى. سىچۈەننىڭ گەنزىغا جايلاشقان داۋچېڭ يادىڭ مەنزىرە رايونىمۇ يېقىندا ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى، دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.8 ئاشتى.
زور تۈركۈمدىكى قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرى جەنۇبقا كۆچۈشكە باشلىدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ كاڭپىڭ ناھىيىسىدە 7 مىڭ گىكتارغا يېقىن بىنەم يەرنىڭ ياخشى ئېكىلوگىيىسى نەچچە 10 مىڭ پەسىل قۇشىنى ياشاش ئورنى، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان 200 گە يېقىن ئاق تۇرنىمۇ بۇ يىل ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىسىنى ئېلىپ ئۇچۇپ كېلىپ، ئىناق، گۈزەل ئېكولوگىيە مەنزىرىسى ھاسىل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. خېيلوڭجياڭدىكى شىڭكەي كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ياۋا غاز، ئۆردەك تۈرىدىكى پەسىل قۇشلىرى ئاساسلىق كۆچىدىغان بولۇپ، كۈندىلىك كۈزىتىلگەنلىرى 50 مىڭ ئەتراپىدا بولدى، نۇرغۇن فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









