15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەييارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى
15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گۇاڭدۇڭ مۇسابىقە رايونىدا پىدائىيلارغا بايراق بېرىش مۇراسىمى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. ھازىر گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىن كەلگەن 60 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي تەربىيەلەش ۋە سىناق مانېۋىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىدى. مۇسابىقە ۋاقتىدا 90 خىل ئىش ئورنىغا بۆلۈنۈپ، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تاماشىبىنلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى «بىز ھەممىمىز بۇ يەردە» ۋە MV مۇ بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









