ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1 مىليارد 940 مىليون موغا يېتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتى ئۆسۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مۇستەھكەملەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-20 14:48
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.
1 مىليارد 800 مىليون مو، بۇ، دۆلىتىمىز بېكىتكەن تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىڭۋاڭ مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش ۋەزىپىسىنى خەرىتىگە ئېلىپ، تېرىلغۇ يەر سانىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈردى.
جاڭ شىڭۋاڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1 مىليارد 940 مىليون موغا يېتىپ، 2020-يىلىدىكىدىن 28 مىليون مو كۆپەيدى. تولۇقلانغان تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەڭپۇڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
تېرىلغۇ يەرگە كاپالەتلىك قىلىشتا ھەم سانغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەم سۈپەتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خېبېي ئۆلكىسى ساڭجۇ شەھىرى دۇڭگۇاڭ ناھىيەسى جاۋۋاڭ بازىرى سۇڭجۇاڭ كەنتىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلىقتا، يىپيېڭى ئەقلىي پۈركۈپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى كەڭ ئېتىزلارغا رەتلىك تىزىلغان ئىدى. بۇ ئۈسكۈنىلەر تور سېنزورى ئارقىلىق تۇپراقنىڭ نەملىكى، تېمپېراتۇرىسى، ھاۋا رايى قاتارلىق كۆپ ئۆلچەملىك سانلىق مەلۇماتلارنى دەرقەمدە ئۆلچەپ تەكشۈرىدۇ، يەنە تېرمىنال ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق دەل جايىدا كونترول قىلىپ، سۇغىرىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ئەقلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ مەسئۇلى سۈن ليەنلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ 500 مو يېرىمىزنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئاپتوماتىك پۈركۈپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان، ھەممىسىدە يان تېلېفون ئېپى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالدۇق.
پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، نۆۋەتتە جەمئىي بىر مىليارد مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىندى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىڭۋاڭ مۇنداق دېدى: پۈتكەندىن كېيىنكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى، ئەسلىدە سۇ مەنبەسى ئاساسى يوق بولغان ھاۋارايىغا قاراپ ھوسۇل ئېلىنىدىغان نۇرغۇن ئېتىزلاردا قۇرغاقچىلىقتا سۇغارغىلى بولۇش، زەينى چىقىرىۋەتكىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تېخىمۇ كۆپ رايونلاردا ئېغىر ئاپەت بولغاندا مەھسۇلاتنىڭ كېمىيىشى ئاز بولۇش، ئاپەت بولمىغاندا مەھسۇلاتنى كۆپ ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.



تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1 مىليارد 940 مىليون موغا يېتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتى ئۆسۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مۇستەھكەملەندى

مەملىكەت بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1 مىليارد 940 مىليون موغا يېتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتى ئۆسۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مۇستەھكەملەندى