ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

138-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ تۇنجى قارارىدا ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ تور سىرتىدا قاتنىشىش سانىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-20 14:51
138-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 1-قارارلىق تور سىرتى يەرمەنكىسى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاياغلاشتى. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 17 گىچە، يەر شارىدىكى 222 دۆلەت ۋە رايوندىن تور سىرتىدا يەرمەنكىگە قاتناشقان چېگرا سىرتىدىكى مال سېتىۋېلىش سودىگىرى 157 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %6.3 كۆپىيىپ، يەرمەنكىگە قاتناشقانلار سانىدا ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. چېگرا سىرتىدىكى 118 سودا-سانائەت ئورگىنى ئۆمەك تەشكىللەپ يەرمەنكىگە قاتناشتى، بۇ  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشتى؛ 185 باشلامچى سېتىۋېلىش كارخانىسى يەرمەنكىگە قاتناشتى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئېشىپ، بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ياخشى باشلاندى.
بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 1-قارارىدا «ئىلغار ياسىمىچىلىق» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، يەرمەنكە ئومۇمىي كۆلىمى 520 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، يەرمەنكە ئورنى 25 مىڭدىن ئاشتى، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانا تەخمىنەن 12 مىڭغا يەتتى، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى، ياسىمىچىلىق يەككە تۈر چېمپىيونى، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە كارخانا 5500 دىن ئېشىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 400 ى كۆپىيىپ، بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە كارخانىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %55 نى ئىگىلىدى. يەرمەنكىنىڭ تۇنجى قارارى ياخشى باشلىنىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ كېلەر يىللىق چەتئەل زاكىزىنى چىڭ تۇتۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى. يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەر زېڭ فەنلۇڭ مۇنداق دېدى: بىز تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق، مەھسۇلاتنى سىرتقا چىقىرىشتىن ئۆلچەمنى چىقىرىشقىچە، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ سودا ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، تەڭ پايدا ئېلىشقا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.
«باھا ئەۋزەللىكى»دىن «قىممەتتە يېڭىلىق يارىتىش»قىچە، نۇرغۇن سودىگەر توپلاشقان گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى دۇنيا سودىسىغا داۋاملىق يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. ئالجىرىيەلىك مال سېتىۋالغۇچى ئىلىرىئان كوكخىئونى مۇنداق دېدى: گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى بىزنىڭ ئىشەنچلىك تەمىنات كارخانىلىرىنى تاللاشتىكى مۇھىم سودا سۇپىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، بۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سالغانلىقىدىن بولدى. بىز گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتناشقاندا، ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارنى كۆرۈپ، سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى، بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى تاپالايمىز.
گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ يەرمەنكە تەشكىللەش، يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك دىرېكتورى زېڭ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارلىق تور سىرتى يەرمەنكىسى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەرمەنكىدە «سۈپەتلىك ئۆي جاھازلىرى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، يەرمەنكە ئومۇمىي كۆلىمى 515 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا، يەرمەنكە ئورنى 25 مىڭغا يېتىدۇ. يەرمەنكىگە تەخمىنەن 10 مىڭ كارخانا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا، يېشىل ياسىمىچىلىق ۋە دۆلەت دەرىجىلىك سانائەت لايىھەلەش مەركىزى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن ئەلا سۈپەتلىك كارخانا 2900 دىن ئېشىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %10 كۆپىيىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

138-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ تۇنجى قارارىدا ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ تور سىرتىدا قاتنىشىش سانىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

138-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ تۇنجى قارارىدا ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ تور سىرتىدا قاتنىشىش سانىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى