ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-20 15:07
يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2025-يىلى مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ %70 تى يىغىۋېلىنغان. زىرائەتلەردىن قارىغاندا، ئارا شالنىڭ %70 تىن كۆپرەكى، كۆممىقوناقنىڭ %60 تىن كۆپرەكى، دادۇرنىڭ %80 تىن كۆپرەكى يىغىۋېلىنغان. ھازىر خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې ۋادىسىدىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ھاۋا تەدرىجىي ئېچىلىپ، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى تارقىتىشقا پايدىلىق بولدى، كۈزلۈك يىغىم سۈرئىتى تېزلەشتى. 



خەلقئارا ھەربىيلەر تەنتھەرىكەت مۇسابىقىسى بولغان 54-نۆۋەتلىك دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بەش تۈر بويىچە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ19-كۈنى خۇبېينىڭ ۋۇخەندە باشلاندى، مۇسابىقە 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇش داشۆسىنىڭ مۇلەنخۇ مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە بەش كۈن داۋاملىشىدۇ، جەمئىي توققۇز دۆلەتتىن 100 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ. بۇ 2019-يىلىدىكى 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئارمىيەمىزنىڭ يەنە بىر قېتىم خەلقئارا ھەربىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. 


ئۇدا نەچچە كۈن دېڭىز سەپىرى قىلىش ئارقىلىق، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 48-تۈركۈمدىكى دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتى يېقىندا نەنخەي دېڭىزنىڭ مەلۇم دېڭىز ساھىلىدا دېڭىز قاتنىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەمىنلىدى، بۇ ئەترەت يولغا چىققاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق دېڭىز ئۈستى تەمىناتى ھېسابلىنىدۇ. تەمىنات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەترەت ئادىن قولتۇقى، سومالى دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. 

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى