ئېلىمىزنىڭ قەرەللىك مال بازىرىنىڭ مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %24 ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-21 14:46
جۇڭگو قەرەللىك مال بازىرىنى نازارەت قىلىش تىزگىنلەش مەركىزى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئېلىمىزنىڭ قەرەللىك مال بازىرىدىكى مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى 2 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، تەخمىنەن 2 تىرىليون 20 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %24 ئاشقان. قەرەللىك مال بازىرىنىڭ مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئېشىپ، قەرەللىك مال بازىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشقان.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل









