جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىندى.
«تەكلىپ»تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «15-بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بىرىنچى، «15-بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى
«تەكلىپ»تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلىتىمىزنىڭ 14-بەش يىل مەزگىلىدىكى تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە، پەۋقۇلئاددە بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەسىر يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، بىر قاتار زور خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن ـ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسى ياخشى باشلاندى. بۇ زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن بولدى.
«تەكلىپ»تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «15-بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچ چىقىرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت ۋە چەكلىمىنى تۈگىتىپ، كەمتۈكلۈك ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
«تەكلىپ»تە دۆلىتىمىزنىڭ 15-بەش يىل مەزگىلىدىكى تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر تەھلىل قىلىندى.
پۈتۈن پارتىيە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى پائال تونۇپ، ئۆزگىرىشكە پائال ماسلىشىپ، پائال ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، خىرىس ھەتتا شىددەتلىك دولقۇننىڭ زور سىنىقىغا دادىل يۈزلىنىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خەۋپ-خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
ئىككىنچى، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسىي نىشانى
«تەكلىپ»تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «15-بەش يىل»دا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى ۋە تاشقى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش تېما، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تۈپ كاپالەت قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
«تەكلىپ»تە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش شەرت: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ئىقتىدارلىق ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش شەرت.
«تەكلىپ» تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشانى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىك توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش.
مۇشۇ ئاساستا يەنە بەش يىل كۈرەش قىلىپ، 2035-يىلىغىچە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇرا ھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش.
ئۈچىنچى، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش.
«تەكلىپ»تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي تېخنىكا ئاساسى. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، گۈللەنمە تۈۋرۈك كەسىپلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.
كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۋانت پەن-تېخنىكىسى، بىيو ياسىمىچىلىق، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ۋە يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى ئېنېرگىيەسى، مېڭە-ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، 6-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
4. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش
«تەكلىپ»تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن-تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تايىنىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.
ئەسلى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سانائەت ئانا ماشىنىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋاب، ئاساسىي يۇمشاق دېتال، ئىلغار ماتېرىيال، بىئو ياسىمىچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى پۈتۈن زەنجىرلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.
5. قۇدرەتلىك ئىچكى بازار بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش
«تەكلىپ» تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قۇدرەتلىك ئىچكى بازار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچى. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېھتىياج ئارقىلىق يېڭى تەمىناتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەمىنات ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجنى يارىتىپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنما، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش؛ ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك.
ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش؛ سېلىنمىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاپ، مەبلەغ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىش؛ «ئىچكى تالىشىش شەكىللىك» رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش كېرەك.
6. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش
«تەكلىپ»تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تۈرلۈك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.
ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
7. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.
«تەكلىپ»تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. تۈزۈملىك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، تاشقى ئايلىنىشنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش كېرەك.
ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسى بىلەن جىپسىلىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بازار ئىجازىتى ۋە ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، بىر تەرەپلىك ئېچىۋېتىش ساھەسى ۋە رايونىنى كېڭەيتىش كېرەك.
سودىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تاشقى سودىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇش كېرەك.
8. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش
«تەكلىپ»تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ھەممىدىن مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكى، كۇرسلۇق يېزا ئىگىلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ياشاشقا، ئىشلەشكە ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق قىلىش، ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش كېرەك.
قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بەرپا قىلىش كېرەك.
9. رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
«تەكلىپ»تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلار زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ قاتلىنىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ياخشىلاپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېشىش قۇتۇپى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆز ئارا پايدىلىنىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
رايون تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياخشىلاش كېرەك.
ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇسقا ئېلىشنى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.
دېڭىز-ئوكياننى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.
10. پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش
«تەكلىپ»تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، كۈچلۈك ئىدىيىۋى يېتەكلەش كۈچى، مەنىۋى ئۇيۇشۇش كۈچى، قىممەت چاقىرىق كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش كېرەك.
مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش كېرەك.
مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
11. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش
«تەكلىپ» تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتتە يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا دوستانە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىش لازىم.
كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپنى خەلق رازى بولغۇدەك ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.
ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ئۆي ـ زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ھەممە كىشىنى، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى قاپلىغان نوپۇس مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاكتىپ تويلىشىش، تۇغۇت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تۇغۇتنى قوللاش سىياسىتى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاش لازىم. قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىكىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
12. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش
«تەكلىپ» تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېشىل تەرەققىيات جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئاساسى. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېتراللاشتۇرۇشنى يىتەكچى قىلىپ، كاربوننى ئازايتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىشنى، ئېشىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە خەۋىپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش زور قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش لازىم.
13. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇش
«تەكلىپ» تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تىنچ جۇڭگو قۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئىقتىسادنىڭ ساغلام، مۇقىم بولۇشى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك زور خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە گەۋدىلىك كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
ئاممىۋىي خەۋىپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
14. ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش
«تەكلىپ» تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسى بويىچە، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، ماشىنىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئىلغار جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.
ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
دۆلەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك.
15. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.
«تەكلىپ» تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيە يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەتنىڭ چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىرـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى-تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈلللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باراۋەر، تەرتىپلىك دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورىنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.
«تەكلىپ» نىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.
تەرجىمانلار: پاتىگۈل مۇھەممەت، ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى









