پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى جايلاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىلمىي قوللانمىغا ئىگە قىلدى. يېڭى مۇساپىدە، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.
«14-بەش يىل»مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان تۇنجى بەش يىل. ئومۇمىي يىغىندا « 14-بەش يىل»مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. كادىرلار ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭىدىن پۇختا قەدەم تاشلاپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.
لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى دۇ چاڭجېڭ مۇنداق دېدى:« 14ـ بەش يىل»دىن بۇيان دۆلىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلىگىنىمىزدە، بۇنىڭ تۈپ نېگىزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا دادىل ئالدىدا ماڭىمىز.
گۇيجۇ ئۆلكىسى لىپىڭ ناھىيەسى جاۋشىڭ بازارلىق پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى ياڭ شيۇجى مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەلگۈسىدە، بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، جاۋشىڭ دۇڭزۇ كەنتىنى ياشاشقا، ئىشلەشكە، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئومۇمىي يىغىندا يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كۈچلۈك سىگنالى تارقاتتى.
جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ جېڭپىڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى«بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش»ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، 8-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى تاماملاپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىش، خەلقئارا ئايلىنىشنى كېڭەيتىشكە ئىمپورت كۆرگەزمىسى كۈچىنى قوشۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىمىز.
«15-بەش يىللىق»ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، كادىرلار ۋە ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز، دېدى.
سەنشىڭدۈي مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ جىڭ مۇنداق دېدى: سەنشىڭدۈي مۇزېيى جانلىق پايدىلىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سەنشىڭدۈينى دۇنيانىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنى، سىغدۇرۇشچانلىقى، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىش ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىدىغان ھالقىلىق كۆزنەك ۋە يارقىن مەدەنىيەت نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
جىلىن داشۆسى تەرەققىيات پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭخې مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا تەكىتلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى دەۋردىكى ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. جىلىن داشۆسى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن رايون تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ پەن ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.
ئىچكى موڭغۇل باياننۇر شەھىرى ۋۇلياڭسۇخەي ئېكولوگىيە قوغداش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جەنفېي مۇنداق دېدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،«14-بەش يىل»مەزگىلىدىكى تۈزەش نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، «15-بەش يىللىق» ۋۇلياڭسۇخەي ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، تۈزەش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئەۋلادلارغا تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ھاۋاسى ساپ گۈزەل ماكان قالدۇرىمىز.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









