باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئاپتوماتىك تورت ئېلىش ماشىنىسى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-03-23 15:36:55

  

 

شىياڭگاڭ «مەجمۇئە» گېزىتىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 21-مارت ئامېرىكىدىكى بىر تورت دۇكىنى بېۋېرلىي تاغلىق رايونىدىكى تارماق دۇكىنىنىڭ سىرتىغا ئاپتوماتىك تورت ئېلىش ماشىنىسى سەپلەنگەنلىكىنى، ماشىنىنىڭ 24 سائەت يەرلىكتە قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان قەغەز قاپلىق تورت سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

شىركەت باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسىدىكى تورتلار ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ نەچچە سائەت بۇرۇن پىشۇرۇلغان بولىدىكەن، چۈنكى تورت دۇكىنىنىڭ خادىملىرى پۈتۈن بىر كۈن ئارام ئالماي تورتپىشۇرۇپ، ماشىنىدىكىتورتلارنى تولۇقلاپ تۇرىدىكەن. شىركەت يەنە لوندوندىكى ئورنىئەڭ ياخشى بولغان جايلارغا مۇشۇ خىل ماشىنىنى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

ئامېرىكىلىقلار بۇلتۇر 607 مىليون دانە قەغەز قاپلىق تورت يېگەن بولۇپ، سانى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بۇ تورت سېتىشماشىنىسىدا گەرچە ئۆچىرەت تۇرۇش توغرا كەلسىمۇ، يەنىلا شەھەر ئاھالىلىرىنى ناھايىتى جەلپ قىلغان. بۇ ماشىنا ھەر كۈنى مىڭدىن ئارتۇق قەغەز قاپلىق تورت ساتىدىغان بولۇپ، سېتىش مىقدارى بەك كۆپ بولغانلىقتىنھەتتا كاشىلىمۇ كۆرۈلگەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق