باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
«تىتانىك»نىڭ چۆكۈپ كېتىشىنى 100 يىل بۇرۇنقى ئاي شارى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-03-29 10:55:57

 

 

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكىنىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى، ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىدىكى كىم ئارتۇق سودا ئورنى 4-ئايدا «تىتانىك»نىڭ 5500 دىن ئارتۇق يادىكارلىقىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتماقچى. شۇنداقلا ھوللىۋودنىڭ كىلاسسىك فىلىمى «تىتانىك» 3D شەكلىدە قايتىدىن كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە سۇنۇلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، 2012-يىلى تىتانىكنىڭ چۆكۈپ كەتكىنىنىڭ 100 يىللىقى بولۇپلا قالماي بەلكى ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان ئاي شارىنىڭ «يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتا» شەكىللىنىشىگە 100 يىل بولغان يىل. 1912-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەر شارى بىلەن قۇياش ۋە ئاي بىر تەكشىلىك سىزىقىغا كەلگەن، ئۇ كۈنى ئاي شارى بىلەن يەر شارى 1400 يىل ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن ئارلىققا كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ ئالىملىرى بۇ 100 يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدىغان ئاستىرونومىيە ھادىسسى دېڭىز سۈيىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆتۈرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. دەل مۇشۇنداق توختىماستىن ئېگىز-پەس ھەرىكەتلىنىش سەۋەبلىك «تىتانىك» ناملىق پاراخوت ئەينى يىلى مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كەتكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق