باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
كايت خانىش مۇراسىم كىيمىنى خاتا كىيىپ كۈلكىگە قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-29 11:45:09

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، شاھزادە ۋېليام بىلەن خانىش كەيت سولومون ئارىلىغا كېلىپ، شۇ يەرلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەندە ئەنئەنىۋى كىيىمنى خاتا كىيىۋېلىپ كىشىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرۇپ كۈلكىگە قالغان.

دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئايال بىر سورۇنغا قاتناشقاندا شۇ سورۇن ياكى پائالىيەتكە ماسلاشمىغان كىيىم كىيىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. كەيت خانىشمۇ بۇ خىل ئەنسىرەشتىن خالىي ئەمەستۇر. ئەپسۇس بۇ قېتىملىق سولومون ئارىلى پائالىيىتىدە خانىش كەيت ئەسلىدە ئەنئەنىۋى بىر پائالىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە كىيىنىپ كەلگەن لېكىن نەتىجىدە بۇ باشقا بىر مىللەتنىڭ بايرىمى بولۇپ چىققان كىيگەن كىيىمىمۇ پائالىيەتكە قىلچىلىك ماسلاشماي ئۇنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا قويغان.

ئەمەلىيەتتە سولومون ئارىلى شاھزادە ۋېليام بىلەن خانىش كەيت ئۈچۈن مەخسۇس پائالىيەت كىيىمىنى تەييارلايتتى. ئەپسۇس خىزمەتچى خادىمنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى ئىككىيلەن چوڭ كۈلكىگە قالغان. شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بۇ ئىشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋالنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئىشتىكى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى شۇ يەرلىك خىزمەتچىدىن كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كەيت خانىش گەرچە شۇ كۈنكى پائالىيەتكە ماس كېلىدىغان يەرلىك ئەنئەنىۋى كىيىمنى كىيەلمىگەن بولسىمۇ لېكىن بايانات ئېلان قىلغۇچى ئارقىلىق شۇ يەرلىكنىڭ كىيىمىنى ئىنتايىن ياقتۇرغانلىقىنى، سولومون ئارىلىدا ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈننىڭ گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق