باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
15 ياشلىق كېلىنچەك قېچىپ كەتتى، 90 ياشلىق كۈيۈ ئوغۇل سوتقا ئەرز سۇندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-01-15 14:59:21

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 8-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن بىر كېلىنچەك چات كېرىۋېلىنغان تويلىشىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، توي كۈنى قېچىپ كەتكەن، 90 ياشلىق قېرى كۈيۈ ئوغۇل ئۇنىڭ ئات-ئانىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ، تويلۇقنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، 15 ياشلىق بۇ كېلىنچەك توي كېچىسى ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ، كۈيۈ ئوغۇلنى كىرگىلى قويمىغان، ئىككى كۈندىن كېيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كەتكەن.

90 ياشلىق كۈيۈ ئوغۇل ئەرز سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ 15 ياشلىق بۇ قىزچاقنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا 160 مىڭ دوللار بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۈيۈ ئوغۇل بۇ توينىڭ ‹‹قانۇنلۇق ھەم توغرا›› ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان.

چات كېرىۋېلىنغان بۇ تويلىشىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن سەئۇدى خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، كىشىلەر توردا مۇنازىرە ئېلان قىلىپ بۇنى سۆككەن، بۇ تويلىشىش تامامەن بالىلارنى ئالداپ سېتىش ھېسابلىنىدۇ دېيىشكەن.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق