باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
كەلكۈن باقمىچىلىق مەيدانىدىكى تىمساھنى «قاچۇرۋەتتى»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-01-31 16:21:37

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شىمالى قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھەممە يەرنى سۇ بېسىپ كەتكەچكە، بىر تىمساھ باقمىچىلىق مەيدانىدىكى تەخمىنەن 15 مىڭ تىمساھ «قېچىپ كەتكەن ». شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ياردىمىدە، باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىر قىسىم تىمساھلارنى تۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم تىمساھلار سىرتلاردا «سەيلە قىلىۋېتىپتۇ ».

ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى لاكۋېنا تىمساھ باقمىچىلىق مەيدانى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، سۇ يۈزى ئۆرلەپ كەتكەچكە، بۇ يەردىكى « پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان » تىمساھلار قېچىپ كەتكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئاھالىلەرنى ئەڭ ياخشىسى سىرتلارغا چىقماسلىقنى ئەسكەرتكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق