باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
مايالارغا ئائىت بەش مۇھىم ئەمەلىيەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-27 17:20:49

 

2012-يىلى 21-دىكابىر ئۆتۈپ كەتتى،دۇنيا ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ،قۇياشمۇ جاھاننى بۇرۇنقىدەكلا يورۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ،بۇنىڭ بىلەن مايالارنىڭ تولىمۇ يىراق دەۋردە قالدۇرغان دۇنيانىڭ «مەھشەر كۈنى دە ئاياغلىشىدىغان كالېندارى ئۆزلۈكىدىن كۈچىدىن قالدى،چۈنكى قىسمەن كىشىلەر شۇ كۈنى دۇنيانىڭ يوقىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ بولغانىدى،ئەمما بۇ كىشىلەردىكى مايالارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

تۆۋەندە بىز بايان قىلىدىغان مەزمۇن ئارخېلوگ ۋە ئالىملار مايالارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋو ئوردا – سارايلىرىنى قېزىش ئارقىلىق تاپقان مايالارغا ئائىت ماتېرىياللار ھەمدە ئۇنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن،كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان بەش مۇھىم ئەمەلىيەت:

مايالار نۇرغۇن توپتىن تەشكىللەنگەن قەۋم

گەرچە ئۇلار ئېغىزدا «مايالار»دېگەن ئاددىيغىنە ئىسىم بىلەن ئاتالسىمۇ،لېكىن ئارخېئولوگلار ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان مايالار شۇ دەۋردىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدە مەۋجۇت نۇرغۇن شەھەر ۋە مەدەنىيەت توپىدىن تەشكىل تاپقان قەۋم،ئۇلاردا ئورتاق تەروپ كۆپ بولسىمۇ،بىراق كىيىم-كېچەك،ئۆرپ-ئادەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتە بىر-بىرىدىن خېلىلا پەرق قىلىدۇ.

مايالارنىڭ نېمىشقا يوقىلىپ كەتكەنلىكى ھېلىھەم بىر سىر.

تارىخشۇناس ۋە ئارخېئولوگلارنىڭ قارىشىچە،تولىمۇ بۈيۈك بۇ مەدەنىيەت 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرى تۇيۇقسڭز زاۋاللىققا يۈزلەنگەن،بىراق ھازىرغىچە بۇ ھالاكەتنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانمىدى.دېمەك،مايالار ھېلىھەم بىر سىر،بىز پەقەت ئەينى چاغدا مايالار بەرپا قىلغان ھەيۋەتلىك شەھەرلەرنىڭ بىر-بىرلەپ غايىب بولغانلىقىنى،مىلادى900-يىلىقا كەلگەندە،پۈتكۈل مايا مەدەنىيىتىنىڭ تەلتۆكۈس غايىب بولغانلىقىنىلا بىلىمىز.بۇنداق ئەھۋالنىڭ نېمىشقا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل پەرەز بار.بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە،مايالار تەبىئىي بايلىقلارنى يەپ تۈگىتىپ بولغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايوندا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئۇلارغا ھاياتلىق پۇرسىتى بەرمىگەچكە،ئۇلار ئامالسىز بۇ شەھەرلەردىن ۋاز كەچكەن؛يەنە بەزى تارىخچىلار مۇنداق دەيدۇ:«مايالاردا ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بولمىغاچقا،شەھەرلەر ئارا بولغان ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سودا ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرلىشىنى تېزلىتىپ،ئاخىرىدا كىشىلەرنى تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ،ھەتتا ئەنئەنىۋى تۈزۈممۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق