باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئامېرىكىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ئاكا-سىڭىل ئىكەن
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-28 09:42:56

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، ئامېرىكىلىق بىر ئەر ئۆز ئايالىنىڭ بىر ئاتا، باشقا ئانىدىن بولغان سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھاڭ-تاڭ قالغان.

بۇ ئەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بولۇپ، بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى چۆچۈپ كەتكەن، بۇ ئىشنى ئايالىغا ئېيتىش ياكى ئېيتماسلىق توغرىسىدا تېخى بىر قارارغا كېلەلمىگەن.

مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بېرىپ، «گەرچە بۇ ئىش ئادەمنى چۆچۈتۈپ، پاراكەندە قىلسىمۇ، بىراق بۇ بىر رېئاللىق، شۇڭا ئايالىڭىز بۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. سىلەر گەرچە بۇ ئىشتىن ئەمدىلا خەۋەر تېپىپ، ھەيران قالغان بولساڭلارمۇ بىراق قوبۇل قىلىشىڭىلار كېرەك، ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، بۇ ئىشلارمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، سىلەرمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر»، دېگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق