باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان 15 ياشلىق قىزغا 100 دەررۇ قامچىلاش جازاسى بېرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-28 11:13:15

سىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يەنە جازالانغانىنى ئاڭلىغانمۇ؟ مۇنداق ناھاقچىلىك يېقىندا بىر 15 ياشلىق قىزنىڭ بېشىغا كەلدى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 26- فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالدىۋىدا 15 ياشلىق بىر قىز ئۆگەي ئاتىسىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچراپ، ھامىلدار بولۇپ قالغاندا، بەزى يەرلىك ئەمەلدارلار بۇنى تويدىن بۇرۇن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان قىلمىش، دەپ قاراپ بۇ قىزغا 100 دەررۇ قامچىلاش جازاسى بەرگەن.

ساقچى تەرەپ بۇلتۈر بۇ قىزنىڭ ئۆگەي دادىسىنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇنى ئۆگەي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، ھامىلدار قىلىپ قويغان، دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا بۇ قىز تۇغقان بوۋاقنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ھازىر بۇ ئەر يەنىلا سوراققا تارتىلىۋېتىپتۇ. كېيىن، مالدىۋى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى تويدىن بۇرۇنلا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان، دېگەن جىنايەت بىلەن بۇ 15 ياشلىق قىزنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 100 دەررۇ قامچىلاش جازاسى بەرگەن.

سوتچىلار مۇنداق دېدى: بۇ قىز 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، بۇ جازانى قوبۇل قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن بۇ جازانى قوبۇل قىلماقچى بولسا ئۇنىڭغىمۇ مەيلى.

خەلقئارالىق ئالاھىدە كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ جازانى «رەھىمسىز، نومۇسسىز، ئىنسانپەرۋەرلىككە ياتمايدىغان جازا» دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە مالدىۋى دائىرىلىرىنى بۇ جىنايى جازانى بىكار قىلىشقا ئۈندىدى. مالدىۋى ھۆكۈمىتىمۇ بۇ جازانى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزىمىز، دېدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق