باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
يامىشىپ چىققىلى بولىدىغان ئائىلىلىكلەر بىناسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-13 12:13:37

 

كۆپىنچە كىشىلەر پەلەمپەيدىن چىقىشنى ناھايىتى قىيىن ئىش دەپ قارايدۇ. يېقىندا ياپونىيەدىكى بىر لايىھىلەش ئورنى يامىشىشقا بولىدىغان ئۆيلەرنى لايىھەلەپ چىققان. لايىھەلىگۈچىلەر ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ سىرتقى تېمىغا ياماشقىلى بولىدىغان تاشلارنى ئورنىتىپ، تاغقا يامىشىش ھەۋەسكارلىرىغا ئۆز ئۆيىدىلا تاغقا يامىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. بۇنداق ئۆيلەر ئادەتتە يەتتە مېتىردىن ئېگىزرەك قىلىپ سېلىنىدىكەن. بۇنداق ئۆيلەرنىڭ ئىچىگىمۇ پەلەمپەي ۋە بىۋاستە چىقىدىغان لىفىت ئورنىتىلىدىكەن. ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆيىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقماقچى بولسا ئۆينىڭ سىرتقى تېمىدىن يامىشىپ چىقسىمۇ، پەلەمپەي ياكى لىفىت ئارقىلىق چىقسىمۇ بولىدىكەن. لايىھەلىگۈچىلەر مۇنداق دېدى:«بۇ خىل لايىھە كىشىلەرنى كۆپ ئىقتىدارلىق تۇرالغۇ بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا تېخىمۇ قولايلىق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلدى».

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق