باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
دۇنيادىكى ھەممە نەرسە تەتۈر كۆرىنىدىغان ئايال
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-18 08:51:26

بويانا دانىلوۋ (Bo Yana Danilov) گىزىت ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم گىزىتنى تەتۈر تۇتقاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا نورمال كۆرىنىدۇ.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىىشچە، سېربىيە ئۇزىسې شەھىرى (The city of Uzice) ھۆكۈمىتىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا تەتۈر كۆرىنىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر خىل ئالاھىدە جەدۋەل تەييارلاپ بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بويانا دانىلوۋ بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن بولۇپ، چوڭ مىڭىسىنىڭ تەسۋىر بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدا كەمتۈكلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، گىزىت ئوقۇغاندا، تېلېۋىزور كۆرگەندە چوقۇم گېزىتنى تەتۈر تۇتىشى ۋە تېلېۋىزورنى تەتۈر قويۇپ قويۇپ كۆرۈشى كېرەك ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر تەتۈر تېلېۋىزور ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن.

بويانا دانىلوۋ مۇنداق دەيدۇ:«بۇ بەلكىم باشقىلار ئۈچۈن تولىمۇ غەلىتە بىر ئىش بولۇشى مۇمكىن، بىراق ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى نورمال تۇيىلىدۇ، چۈنكى مەن تۇغۇلغاندىلا دۇنيا ماڭا مۇشۇنداق تەتۈر كۆرىنەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مېنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش ئۇسۇلۇم.»


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق