باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئىرانلىق ئايال سۇ ئۈزۈش ماھىرىنىڭ رېكورتى ئېتىبارغا ئېلىنمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-08 16:14:21

رۇسىيە خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئىيۇلدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىكى «ھۆرىيەت» ناملىق تاراتقۇنىڭ 4- ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىرانلىق ئايال سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى ئىلھام ئاسجالنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ ئاشكارا سۇ رايونىدا ياراتقان سۇ ئۈزۈش رېكورتىنى تىزىمغا ئېلىشنى رەت قىلغان، چۈنكى ئۇ كىيگەن سۇ ئۈزۈش كىيىمى ئىسلام شەرىئىتىگە زىت ئىكەن.

ئىگىلىنىشچە، 32 ياشلىق ئاسجال 6- ئاينىڭ 11- كۈنى سەككىز سائەت ئىچىدە كاسپىي دېڭىزىنىڭ 18 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىن كېسىپ ئۆتكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئىسلام تاراتقۇلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئىران تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تىزىمغا ئېلىشنى رەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مۇسابىقىنى ئاياللارنىڭ سۇ ئۈزۈش مەيدانىدىن باشلىغان. كىيىنىشىمۇ ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن بولغان ھىم ئېتىلگەن سۇ ئۈزۈش كىيىمىدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسىنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن.»

ھالبۇكى، ئىران سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاسجال بۇ بىرلەشمىنىڭ رەسمىي ئەزاسى ئەمەس بولغاچقا، بۇ ماھىر تەمىنلىگەن نەتىجىنى دەلىللەشكە بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئاشكارا سۇ رايونىدا سۇ ئۈزۈشى تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاسجال سۇ ئۈزگەن جاينى خەلقئارا سۇ ئۈزۈش ئۇيۇشمىسى ئېتىراپ قىلمايدىكەن.

ئىران ئاساسىي قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، مەيلى مىللەت ياكى دىنىي ئېتىقاد بولسۇن، ئىراندىكى ئاياللار ئاممىۋى سورۇنلاردا چوقۇم رومال ئارتىشى، ئاممىۋى سورۇنلاردا چوقۇم پۈتۈن بەدەننى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاياللار قاتناشقان مۇسابىقىدىن باشقا تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى كۆرۈشى چەكلىنىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق