باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
5 يىلدىن بۇيان يېڭى نەرسە سېتىۋالمىغان ئايال
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-10 15:09:27

 

ئامېرىكىدىكى بىر ئايال 5 يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ يېڭى نەرسە سېتىۋالمىغان، پەقەت باشلىقلار ئىئانە قىلغان كونا بۇيۇملارنىلا قوبۇل قىلغان ياكى نىمكەش ماللار دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالغان، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ ئايال مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن يىلىغا ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى تېجەپ كەلگەن. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەنلىكتىن، ئاز بولمىغان ھەرخىل ئەپچىل چارىلەر بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەشنى مەقسەت قىلغان «پۇل تېجەش ئۇستىلىرى» مەيدانغا كەلگەن، پورتلانددىن كەلگەن ئىككى پەرزەنتلىك 44 ياشلىق تور يازغۇچىسى كېيت ستەنلېي بۇنىڭ بىر مىسالى، 5 يىل ئىچىدە، بۇ يازغۇچى تاللا بازىرىدىن نەرسە سېتىۋېلىپ باقمىغان. ئائىلىسىدە ئەگەر بىرەر نەرسە بۇزۇلۇپ قالسا، ئۇ ئامال بار ئېرى بىلەن بىللە رېمونت قىلىدىكەن، پەقەت ئەپلەپ-سەپلەپ ئىشلەتكىلى بولسىلا بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تونۇش مەۋجۇت ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ«بىزنىڭ ئائىلىمىزگە ھەرگىزمۇ قىممەت باھالىق نەپىس بۇيۇملار ئېھتىياجلىق ئەمەس»دېگەن قاراش ئىكەن. ئۇ دائىم ئايلىنىدىغان دۇكان تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرى ئاچقان نىمكەش ماللار دۇكىنى بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەردە كونا ماللار ئارىسىدىن لازىملىقلارنى ئىزدەيدۇ، مەيلى كىيىم-كېچەك، قاچا-قۇچا ياكى ئۆي جاھازلىرى بولسۇن، بۇ يەردىن ئەھۋالى خېلى ياخشى لېكىن باھاسى ئەرزان بولغان ياخشى نەرسىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇ: «ناھايىتى مودا ئايال بولسىمۇ، كونا كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ كىيسە بولىدۇ» دېگەن. ئۇ: «بىر قېتىملىق پۇرسەتتە، ياغاچ ماتېرىيالى ناھايىتى ياخشى بولغان ئۈستەلنى كۆرۈپ قالدىم، ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆي كۆچىدىغان بولغانلىقتىن «ھەقسىز» دېگەن خەتكۈچنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قويغان ئىكەن، مەن بۇ ئۈستەلنى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىپ دېرىزىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدۇم.» دېگەن.كېيت ستەنلىي، بۇنداق تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەر يىلدا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ چىققان. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئاتالمىش يېڭى مال سېتىۋالماسلىق دېگەننىڭمۇ ئەڭ تۆۋەن چېكى بولىدۇ، مەسىلەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئەلۋەتتە يېڭىسىنى سېتىۋېلىش كېرەك، پايپاق ۋە ئىچ كىيىملەرنى تازىلىق مەسىلىسىنى ئويلاشقان ئاساستا چوقۇم يېڭىسىنى سېتىۋالىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە لەۋ سۇرۇخ قاتارلىق گىرىم بۇيۇملىرىنىڭمۇ يېڭىسىنى سېتىۋالىمەن» دېگەن. يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان بازارلىق ماللارنى كۆرگىنىڭىزدە، سىزدە دەرھال بېرىپ سېتىۋېلىش ئىستىكى بولامدۇ-يوق؟ كېيت ستەنلىي: بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ يېڭىدىن چىققان بەزى ماللارنى شۇنداق سېتىۋالغۇم كېلىدۇ، لېكىن ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھازىر ئۇ بۇ نەرسىنى نېمىشقا سېتىۋالىدىغانلىقىنى تەپسىلىي ئويلاپ كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن قارار چىقىرىدىكەن.ئۇ، ئىستېمال ئادىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، تۇرمۇشىدىكى باشقا جەھەتلەردىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنى ئۆيىدە ئىشلەتمەيدىغان تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئەسكى-تۈسكىلەرنى تازىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆي ئىچى خېلى ئازادە بولۇپ قالغان، كېرەكسىز نەرسىلەر ئازايغاندىن كېيىن ئۆي تازلىماقنىڭمۇ ئاسانغا توختىغان، دېمەك بۇ ئۇنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا كېتىدىغان ۋاقتىنى تېجەپ بەرگەن، ئۇ مۇشۇ ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشالايدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق