باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئەرمەك ئىت 2ياشلىق ئوغۇل بالىنى 14سائەت مۇھاپىزەت قىلغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-23 17:00:06

 ئاۋىستىرالىيىدىكى 2ياشلىق ئوغۇل بالا يۈتۈپ كېتىپ 14سائەت بولغاندا قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئۇنى ئۆيىدىن 4كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چاتقاللىقتىن تاپقان، شۇ ۋاقىتتا بۇ ئۆينىڭ ئەرمەك ئىتى بالىنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي بالىنى مۇھاپىزەت قىلغانلىقىنى بايقىغان.

 خەۋەرگە قارىغاندا بۇ 2ياشلىق ئوغۇل بالا Dante Berryئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدا يۈتۈپ كەتكەن، قۇتقازغۇچىلار ئۇنى ئۆيىدىن 4كىلومېتىر يىراقلىقتكى چاتقاللىقتىن تاپقان ۋاقىتتا ئۇلار بىر گىرمانىيە بۆرە ئىتى Dasherنىڭ كىچىك خوجايىنىنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا بۇ بالىنىڭ ئاپىسى كەچتە بالىسى ۋە ئىتى <داشۆ>نىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭدىن كېيىن 100دىن ئارتۇق ساقچى ۋە پىدائىلار چاتقاللىقتىن كېسىپ ئۆتۈپ بالا ۋە ئىتنىڭ ئىزنى بويلاپ ئىزدىگەن.  
14سائەتلىك ئىزدەش ئارقىلىق بولى ئاخىرى ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا ئاپىسى بىلەن جەم بولغان. قۇتقازغۇچى خادىم Will Hannaنىڭ دېيىشىچە <يولدىن ئېزىپ قالغان ھەم قاراڭغۇ كېچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، سىز لىبونىڭ كىچىك قەلبىنىڭ نېمىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلەيسىز ، بەخىتكە يارىشا ئۇنىڭ ئەرمەك ئىتى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ئاتا قىلغان >دېگەن. 

لىبۇرنىڭ ئۆيىدىلكەر قۇتقازغۇچى خادىملارغا رەھمىتىنى بىلدۈردىغانلىقىنى ، ھەم يەنە ساداقەتمەن ئىتىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن ھاياجانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. <بىز ئۇلانىڭ ساق سالامەت ئىكەنلىكىدىن ئىنتايىن خوشال، لېكىن ساداقەتمەن ئىتنىڭ بالانىڭ يىنىدا ھەمراھ بولۇپ تۇغىنىدىن تولىمۇ خوشال> دېگەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق