باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بىر كىتابنى 41 يىل ئوقۇش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-06 11:53:31

 

ئىسپانىيە «ئا ب س گېزىتى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ئوھىئو ئىشتاتى چەمپەيىن ناھىيەسى كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقىمۇ ئۆزىنىڭ بىر كىتابنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلمەيتتى. بۇ كىتابنىڭ نامى ‹يىلاننىڭ ھەقىقىي دۇنياسى› بولۇپ، بىر ئوقۇرمەن 41 يىل بۇرۇن ئارىيەتكە ئېلىپ كەتكەنىكەن، شۇنچە ئۇزاق يىلدىن كېيىن بۇ ئوقۇرمەن بۇ كىتابنى قايتۇرۇۋەتمەكچى بوپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئەپۇ سوراش خېتىنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇپتۇ».

ئۇ خېتىدە ئۆزىنى كەچۈرۈم قىلىشنى سوراپ: «بۇ كىتابنى ئارىيەتكە ئالغىلى بەك ئۇزاق بولدى، لېكىن مەن كىتابنى ئىنتايىن ئاستا ئوقۇيدىغان كىشى، جەرىمانىسىنى تۆلىۋېتەي، جەمئىي 299 دوللار بوپتۇ. مەن بۇ توغرىسىدا قايتا كەچۈرۈم سورايمەن».

باشقۇرغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەردە ئوقۇرمەن كىتابنى قايتۇرمىسا، ئۇلار پەقەت يېڭى كىتابنى ئېلىپ تولۇقلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن، 299 دوللار ئۈچ سىنت سىمۋوللۇق بىر سان بولۇپ، ئەگەر جەرىمانە كۈن سابى بىلەن ھېسابلانغاندا، جەرىمانە 280 مىڭ دوللار بولۇشى مۇمكىن، بۇ بەلكىم ئوقۇرمەننىڭ نامىنى يوشۇرۇپ كىتاب قايتۇرۇشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق