باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
قايسى يېڭى تېخنىكىلار 21-ئەسىردىكى دېڭىز ئۇرۇشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟
مەنبەسى:ناۋا تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 12:20:11

 

ئامېرىكا «ئىستىراتىگىيە بېتى» تورى يېقىندا مۇنداق خەۋەر بەردى: 21-ئەسىر ئەمدىلا باشلاندى، كۆپلىگەن نامەلۇم تېخنىكىلار تېخى كەشىپ قىلىنغىنى يوق، بىز يېڭى ئەسىردىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش شەكلىگە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان قىسمەن يېڭى تېخنىكا ۋە قوراللارنى پەرەز قىلالايمىز.

ئادەمسىز جەڭ پاراخوتى

ئىلگىرىكى يېڭى شەكىلدىكى قاتناش قورالى بولغان ئايروپىلانغا قارىغاندا ئادەمسىز ئۇچقۇ، ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى ۋە ئادەمسىزسۇ يۈزى پاراخوتىنىڭ ھەممىسى دەرىجىدىن تاشقىرى تېخنىكا ھىسابلانسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا قاتناشقان مىساللار بار. بۇلار كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان سۈئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە يېڭى تىپتىكى قوراللارنىڭ بىرىكىشى بىلەن ھەممىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

سۈئىي ئەقلىي ئىقتىدار

سۈئىي ئەقلىي ئىقتىدار 20-ئەسىردە كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، 21-ئەسىردە ئوموملىشىشى مۆلچەرلەنگەن. ھازىر بار بولغان زور مىقداردا يۇمشاق دىتال كۆچۈرۈلگەن سۈئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغان نىشانى بولۇپ، شۇ ئارقىلىق كومپىيوتېرنىڭ ساقلىغۇچىسىنى ئۇچقۇچىنىڭ تەجىربىسى ھەم تېز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئەمەلىي ئۇچۇرىدىن تەركىب تاپقۇزغىلى بولىدىكەن،
توكلۇق جەڭ پاراخوتى

19-ئەسىردە كۆمۈرنى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نىفىتنى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلغان جەڭ پاراخوتى بارلىققا كەلدى. كىيىن يەنە يادرو ئېنىرگىيەلىك جەڭ پاراخوتىمۇ بارلىققا كەلدى. ئەمما ھازىرقى مۇھىم ئىنقىلاب جەڭ پاراخوتى ھاسىل قىلالايدىغان توك مىقدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقىرىش بولۇپ، بۇ پۈتۈن توكلۇق جەڭ پاراخوتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل جەڭ پاراخوتى يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەردە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قۇۋۋەتلىك سېزىش سەپلىمىسى ۋە توك ئېنىرگىيەلىك قورالنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ يەنە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشچان ئېلىكتىر كۈچى ۋە تۆۋەن يېقىلغۇ تەننەرخىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق