باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئەقلىدىن ئازغان لايىق
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 17:22:00

كورىيەنىڭ بۇسان شەھىرىدە تۇرىدىغان بىر يىگىت لايىقى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغاچقا، يېقىندا لايىقىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان. شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئەر يېقىندىن بۇيان دائىم لايىقى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاچقا، لايىقى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ لايىقىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭدىن يارىشىپ قېلىشنى ئۆتۈنگەن. كېيىن ئىككىسى يەنە تاكاللىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەر ئالدىن تەييارلاپ قويغان بېنزىننى چىقىرىپ، لايىقى بىلەن تەڭ ھالاك بولۇشقا ئۇرۇنغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ لايىقىنىڭ بوينى ۋە دۈمبىسى كۆيۈپ يارىلانغان. ساقچى تەرەپ ھازىر بۇ ئىشنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق