باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ن 90 يىل ئىلگىرىكى «ۋال كوچىسىنى ئىگىلىۋېلىش» ھەرىكىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:00:51

 

نۆۋەتتە «ۋال كوچىسىنى ئىگىلەش» ھەرىكىتى ئامېرىكىدىن پۈتكۈل دۇنياغا يامرىدى. ئەمالىيەتتە بۇ ھەرىكەت تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس، بۇنىڭدىن 90 يىل ئىلگىرى بىر توپ ھۆكۈمەتسىزلەر نامراتلىق، ئىشسىزلىق، بانكىلارنىڭ بايلىقىنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا قارشى «ۋال كوچىسىنى ئىگىلىۋېلىش» ھەرىكىتىنى قوزغىغانىدى. ئاخىرىدا بۇ ھەرىكەت بىر قېتىملىق تېرورلۇق پارتىلىتىش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن ھۆكۈمسىزلەرنى چەكلەش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

1918-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، ياۋرۇپادىكى ئەللەرنىڭ سانائەت، يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كېلىشى، شۇنداقلا قايتا گۈللىنىشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئامېرىكىغا بەرگەن زاكازلىرىنى قىسقارتقان، ھەتتا توختاتقان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق ئېشىپ، ئاممىنىڭ ئىش تاشلاش ۋە نامايىش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان. ھۆكۈمەتسىزلەر 1920-يىلىدىن باشلاپ ۋال كوچىسىدا ئاممىنى تەشكىللەپ، ۋال كوچىسىنى ئىگىلەش، پۇقرالارنىڭ بايلىقىنى شورايدىغان خوجايىنلارنى قوغلىۋېتىشكە چاقىرىق قىلغان.

1920-يىلى 16-سېنتەبىر چۈشلەردە لىق پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر ئات ھارۋىسى ۋال كوچىسىدىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بولغان مورگان شىركىتى باش ئىشتابى بىناسىنىڭ سىرتىدا توختىغان. ھارىۋىكەش ئاۋازى مانخاتتان رايوننى زىلزىلىگە سالغان. پارتلاشتا 30 ئادەم ئۆلۈپ، 130 ئادەم يارىلانغان. مورگان بانكىسى ۋەقە يۈز بېرىشتىن نەچچە كۈن ئىلگىرى بىنا ئەينەكلىرىگە تۆمۈر رېشاتكا ئورناتقانلىقتىن، ۋەقەدە چوڭ زىيانغا ئۇچرىمىغان. زوراۋانلار بۇ خىل قەبىھ ئۇسۇل ئارقىلىق ۋال كوچىسىنى ئىگىلىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

ساقچىلار ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ھۆكۈمەت پارتىلاشتىن كېيىن ھۆكۈمەتسىزلەرگە كەسكىن ئىنكاس قايتۇرغان، ھەتتا ھۆكۈمەتسىزلەر توغرىسىدا پاراڭلاشقان كىشىلەرنىمۇ، تۈرمىگە ئەكىرىپ سوراق قىلغان.

ئامېرىكىلىقلار ھۆكۈمەتسىزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بەزىلەر قاتتىق جازالاشنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بەزىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىدراكىنى يوقاتماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى كېۋىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئۇ: «ساقچىلارنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى باستۇرىشى ئاقىلانىلىك بولمىدى، بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاسانلا ئادالەتسىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن. ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان زۇڭتۇڭ كومىتېتى: «ئىشچىلارنىڭ تېگىشلىك بايلىققا ئېرىشەلمەسلىكى ۋەقەنىڭ تۈگۈنى، بىر توپ كىشى ھوقوقىدىن سەۋەبسىز مەھرۇم قىلىنسا، قارشىلىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ» دەپ قارىغان.

 ئۇ خىل تالاش-تارتىش بىر يىلغا يېقىن داۋاملىشىپ، 1921-يىلى ۋاررېن خاردىڭنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشى بىلەن پەسكويغا چۈشكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق