باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان بالا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:08:02

ئاتا-ئانىلار ھەممىسى پەرزەنتىنىڭ چېھرىگە كۈلكە تولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما ئەنگلىيەدە ياشايدىغان ئېلاند ئەر-ئايالغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى ئېللىئوتنىڭ چېھرىدىكى ئۆزگەرمەس كۈلكە بىر خىل ئازاب بولۇپ قالدى. ئېللىئوت غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغاچقا، مەڭگۈ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان. ئېللىئوت تۇغۇلۇشىدىنلا ئاز ئۇچرايدىغان شادىمان ياغاچ قونچاق ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، خىروموسوم قالايمىقانلىشىش كېسىلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆگىنىش توسالغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بىمار ئاسان ھاياجانلىنىش، چىرايى مەڭگۈ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق كېسەل بىمارى پۈتۈن ئەنگلىيەدە 1000 غا يەتمەيدۇ. بالىنىڭ ئاپىسى گەيل مۇنداق دېدى: ئېللىئوتنىڭ كېسىلىنىڭ ئەسلى بۇنچە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئۇ قارىماققا ئوزۇقلىنىشتا ئازراق مەسىلە باردەك كۆرۈنگەنىدى، دوختۇرمۇ دەسلەپتە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىگەنىدى. پەقەت بالىمىز ئۇرۇقلاپ ئۇستىخىنى كۆرۈنۈپ قالغاندىلا، بىز ئاندىن ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى بايقىدۇق. قايتا- قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بالىمىزنىڭ شادىمان ياغاچ قونچاق ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۇق، بىز ئىلگىرى بۇنداق كېسەللىكنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان. ئېللىئوتنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇ مەڭگۈ گەپ قىلالماسلىقى مۇمكىن، ھەتتا يول مېڭىشىمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئېللىئوتنىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: ئۇلار ئىشارەت دەرسى ئۆگىنىۋاتىدۇ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئېللىئوت بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق