باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئۈچ بۇلۇڭ خامىلىيونى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:12:51

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە ھايۋاناتلار باغچىسىدا بىر دانە ئۈچ بۇلۇڭ خامىلىيونى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان، بۇ مۇشۇ خىل خامىلىيوننىڭ ئەنگىلىيەدە تۇنجى قېتىم تۇغۇلۇشى ئىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خامىلىيوننىڭ ئاتا-ئانىسى ئەسلى ئافرىقىدا ياشايتتى، بىراق ئۇلار «ئەتكەس قىلىنىپ» ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا توشۇلۇش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىنغان. ئۇ قېتىم تاموژنا خادىملىرى بىرلا ۋاقىتتا 59 دانە ئۈچ بۇلۇڭ خامىلىيونىنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇ خامىلىيونلار ھازىر ئەنگىلىيە ھايۋاناتلار باغچىسىدا بېقىلىۋاتىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بۇ خامىلىيوننىڭ بەدەن ئۇزۇنلىقى ئاران ئۈچ سانتىمىتىر كىلىدۇ، ئېگىزلىكى ئاران تەڭگىنىڭ ئېگىزلىكىچىلىك بار. بۇ خامىلىيوننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان خادىمنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ كىچىك خامىلىيون ھازىر چىۋىن قاتارلىق ھاشارەتلەر بىلەن بېقىلىۋېتىپتۇ. ئۈچ بۇلۇڭ خامىلىيونى چوڭ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمىتىردىن ئاشىدىكەن، ھازىر پەقەت ئافرىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق