باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
غەلىتە بايراملار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:29:44

ئىسپانىيەدىكى پەمىدۇر ئىتىش بايرىمى

ئىسپانىيەنىڭ ۋالىنسىيا كەنتىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزلىدىغان پەمىدۇر ئىتىش بايرىمى نەچچە مىڭلىغان ھەتتا نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا. ساياھەتچىلەر ۋە باشقا كەنت ئاھالىلىرى شۇنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن بىر بىرىگە پەمىدۇر ئىتىشىدۇ.

كورىيەدىكى پاتقاق بايرىمى

نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم پاتقاققا چىلىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بىراق كورىيەنىڭ باۋنىڭ پاتقاق بايرىمى ھەر يىلى بەكمۇ قىزىيدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بۇ بايرامغا قاتنىشىدۇ.

تايلانددىكى سۇ چېچىش بايرىمى

تايلاندنىڭ سۇ چېچىش بايرىمى بۇ بايراملارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ پاكىزى ھىسابلىنىدۇ. لىكىن بۇ بايرامنى ئويناپ باققان ئادەم بىر كۈن سۇ ئۈستى باغچىسىدا ئوينىغاندەك ئويناپ پاكىزلىنىپ كەتكىنى تايىنلىق. تايلاندنىڭ سۇ چېچىش بايرىمى 4-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ تايلاندنىڭ ئەڭ ئىسسىق پەسلى ھېسابلىنىدۇ.

ھىندىستاننىڭ رەڭ چېچىش بايرىمى

تايلاندنىڭ سۇ چېچىش بايرىمىغا ئوخشاش ھىندىستاننىڭ رەڭ چېچىش بايرىمىمۇ ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسمىدىكى كىشىلەرنىڭ يىڭى يىلنى تەبرىكلەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ھىندىستاندا ھەر ئۈچ ئايدا كىشىلەر بۇ كۈننى تەبرىكلەيدۇ. بايرام جەمئىي ئىككى كۈن بولىدىغان بولۇپ، بىرىنجى كۈنى داغدۇغىلىق گۈلخان يېقىش بۇ پائالىيەتنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئىككىنچى كۈنى كىشىلەر بىر بىرىگە رەڭ چاچىدۇ.

ئىتالىيەدىكى ئاپلىسىن ئىتىش بايرىمى

ئاپلىسىن ئېتىش بايرىمى ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر لىۋىرىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ بايرامنى كىشلەر قارشىلىق بىلدۈرۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دەپ قاراشماقتا.

ئاۋستىرالىيە كونشىلان ئىشتاتىدىكى تاۋۇز بايرىمى

دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر بايرىمى ئىچىدە ئاۋستىرالىيەدىكى تاۋۇز بايرىمى ئەڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بايرام ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار بىربىرىگە پەقەت تاۋۇز ئىتىش بىلەنلا قالماي يەنە نۇرغۇنلىغان تاۋۇز بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى، مەسلەن تاۋۇزدا تېيىلىش مۇسابىقىسى دىگەندەك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ .

ئەنگىلىيەنىڭ كوپىر تېغىدىكى ئېرىمچىك بايرىمى

ئېرىمچىك ئىتىش بايرىمىغا نەچچە ئەسىر بولغان بولۇپ، قەدىمدە ئۇ ئۇ ئىلاھنىڭ بايرىمى سۈپىتىدە مول ھوسول ئىلىنغان تۇپراققا ۋەكىللىك قىلىناتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ياشلار بۇ بايرامنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ئىسپانىيەدىكى ئۈزۈم ھارىقى بايرىمى

ئىسپانىيەدىكى ئۈزۈم بايرىمىدا كىشلەر بىربىرىگە مىۋە چىۋە ئىتىشمايدۇ. ئەكسىچە بۇ بايرام ئىسپانىيە خەلقىنىڭ بىرلىكتە ھاراق تەبرىكلەش بايرىمى. لارۇيجا ئۆلكىسى دۇنياغا داڭلىق بولغان ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون. بايرامدا كىشىلەر ھاراقنى قارشى تەرەپ تاكى سۆسۈن رەڭگە كىرگۈچە چېچىشىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق