باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بويتاق داڭلىق كىشىلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:30:32

بىرىنچى بويتاق ئەپلاتون، ئۇ گېرىتسىيىلىك داڭلىق پەيلاسوپ بولۇپ، دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق ‹‹ئەپلاتونچە مۇھەببەت››نى ياراتقان. ئۇ بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ مەنىۋى مۇھەببەتنى قوغلاشقان يەنى ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى ساپ مېھىر-مۇھەببەتكە تەلپۈنگەن، ئەپلاتون 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بويتاق ئۆتكەن.

ئىنسانلار تارىخىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئالىملاردىن نيوتۇنمۇ بىر ئۆمۈر بوياق ئۆتكەن بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئەپسۇس ئىلمىي تەتقىقاتقا جان-جەھلى بىلەن كىرىشكەنلىكى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان

داڭلىق مۇزىكانت بېتخوۋېننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىر ئېچىنىشلىق ئىچىدە ئۆتكەن، ئۇ ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئاڭلاش سېزىمىنى يوقاتقان، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا باشقىلارغا ياتلىق بولۇپ كەتكەن، لېكىن ئۇ ئاڭلاش سېزىمىدىن مەھرۇم قالغىنى بىلەن ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمىغان. ‹‹ئاي نۇرى››دەك داڭلىق مۇزىكىلىرى ئۇنىڭ نامىنى ھازىرغىچە تارقاتقان.

نوبېلنى ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ‹‹كېلىشكەن باي›› دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ پارتلىتىش دورىسى قاتارلىق بىر قاتار كەشپىياتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادا نوبېلدىن باي كىشى يوق ئىدى، ئەمما ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا يېقىن كېلەلمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى-ئۇلارنىڭ ھەممىسى نوبېلنىڭ كەسپى بەك خەتەرلىك، نوبىلنى ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ دەپ قارىغان. بۇمۇ بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردى. پۇلغا ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغۇلى بولمايدۇ.

جۇڭگودىكى داڭلىق بويتاق پەلسەپىچى جىن يۆلىن ئامېرىكىدا ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ شارائىتى ھەقىقەتەن ياخشى بولسىمۇ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان لىن ۋېي قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى لياڭ سىچېڭغا ياتلىق بولۇپ كەتكەن. ئۈچەيلەننىڭ قىزىقىشى ئوخشاش بولۇپ، لىن ۋېي لياڭ سىچېڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئۈچەيلەن يەنىلا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغان. لىن ۋېي قازا قىلغاندىن كېيىن، لياڭ سىچېڭ قايتا ئۆيلەنگەن، ئەمما جىن يۆلىن بىر ئۆمۈر توي قىلماي، قەلبىدىكى ھەر قانداق كىشى ئورنىنى باسالمايدىغان سۆيگۈنى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تەنھا ئۆتكەن.

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت بىرىنچىمۇ ئۆمۈر بويى ياتلىق بولمىغان بولۇپ، ‹‹قىز پادىشاھ››دەپ ئاتالغان. گەرچە ئۇ توي قىلمىغان بولسىمۇ، ھوقۇق تۇتقان مەزگىلىدە، ئېنگلاند ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بىرى ئايلىنىپ، بىر ئالتۇن دەۋرنى ياراتقان

‹‹ھاكاۋۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش›› ناملىق روماننىڭ يازغۇچىسى، ئەنگلىيىلىك جەين ئوستىنمۇ مەڭگۈ تەنھا ئۆتكەن. ئوستىننىڭمۇ بىر مەھەل ئەستىن چىقمىغۇدەك تۇنجى مۇھەببىتى بولغان، ئەمما كېيىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى قوشۇلمىغانلىقتىن ئايرىلىپ كەتكەن. مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمما ئاشۇنداق بىر تۈپ گۈل ئۆزى ئېچىلىپ ئۆزى توزۇلۇپ كەتكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق