باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
يەرشارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىلانېت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:35:34

بىر خەلقئارا ئاسترونومىيە ئۆمىكىدىكىلەر يېقىندا قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بىر پلانېتنى بايقىدى. بۇ پىلانېتنىڭ ماسسىسى ئاز دېگەندە يەر شارىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، ئاسترونوملار بۇ پىلانېتىنى «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى» دەپ ئاتىدى. «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى» قۇياش سىستېمىسىدىن 42 يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاسترونوملار«دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى» نىڭ ئەتراپىدا ئۈچ پلانېت بايقىغان. ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بۇ پىلانېتنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەر شارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى» نىڭ تاشقى يۈزى زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق ئەمەس، سۇيۇق سۇ بولۇش ئېھتىمالىي بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى» تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەش بىلەن بىرگە ئۆز ئوقىدىمۇ ئايلىنىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن كۈن-تۈن ئالمىشىش ۋە يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇھىت ھاسىل بولۇشى مۇمكىن.

بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان زېۋ جونېس مۇنداق دېدى: بۇ پىلانېتنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، بۇ پلانېتا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قامدىيالىشى مۇمكىن. بۇ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى «ئالەم جىسىملىرى فىزىكىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ بېشىدا قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا تۇنجى پلانېتا بايقالغاندىن بۇيان، ئاسترونوملار كىشىلەرگە تونۇش بولغان بۇ يۇلتۇز سىستېمىسىدىن سىرتقى جايدا 800 دىن ئارتۇق پلانېتا بايقىدى، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز ساندىكىلىرىلا ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىشى مۇمكىن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق